چۈشلۈرۈم
خەلچەم خېلىل
ئىلىنىڭ يىلان باغرى يوللىرىدەك،
ئاشىقنىڭ مەغلۇپ بولغان تويلىرىدەك،
پادىچىنىڭ پىتراپ يۈرگەن قويلىرىدەك،
ئەنسىز چۈشلۈرۈم.
سۆيگۈدىكى ئاچچىق چۈچۈك قىرتاقلاردەك،
بوزدۆڭدىكى سالا سالا،
ئوتلاقلاردەك،
ئانىسىدىن يىتىم قالغان بوتىلاقلاردەك ،
كەچكۈزدە لەيلەپ چۈشكەن ياپراقلاردەك،
تەنسىز چۈشلۈرۈم.
مەختۇمسىلانىڭ سۇدا ئاققان چاچلىرىدەك،
سەنەمنىڭ سولغان قىياق قاشلىرىدەك،
زۆھرەنىڭ تارام- تارام ياشلىرىدەك ،
سەنسىز چۈشلۈرۈم.
روھى چىقىپ كەتكەن قۇپقۇرۇق تەندەك،
قولى يوق مەجرۇھ كىيگەن
غېرىپ يەڭدەك،
ئاشىقلار قونۇپ ، كەتكەن
كونا دەڭدەك ،
جانسىز چۈشلۈرۈم.
ئاخشامدىن سەھەرگىچە داۋاملاشقان،
شىمالدىن جەنۇپقىچە ساراڭلاشقان،
ئېتىز ئېرىق،تاغلار بويلاپ داۋان ئاشقان،
بىربىرىگە گىرەلىشىپ باراڭلاشقان ،
سانسىز چۈشلۈرۈم......
2016.10.27
| 149 قېتىم كۆرۈلدى | خەلچەم خېلىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-27 21:46:41 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|