رەت قىلىنغاچ سۆيگۈلەر (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 رەت قىلىنغاچ سۆيگۈلەر
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

بەرگەن ئىدىم تېگىشكۈسىز سۆيگۈنى،
تۈمەن تىللا بەرسىمۇ،ئوخشىماس  ئىدى،
رەت قىلىنغاچ سۆيگۈلەر،چىدالمىدىم،
خوش دەي ئەمدى،قىزچاق ئۇنۇتقىن مېنى.

قانداق قىلاي،سۆيۈشلەرنى بىلمىسەڭ،
تاشلىدىڭغۇ،يېرىم يولدىلا مېنى،
بەرمىدىڭ زەررىچە مېھىر،قىينالدىم،
نىمە دەي يەنە،بىلمىسەڭ سۆيگۈمنى .

ئەمدى ئۇنۇت مېنى،قالۇرسەن يالغۇز،
بىلمىدىڭغۇ زادىلا پاك قەلبىمنى،
خوشلىشاي نادان قىز،يەنە سۆيمەسمەن،
قايتا تۇغۇلۇپ،ئۇچراشساق،بىلمىدىم.
     





80 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-4 23:40:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ