ئۆلگۈدەك بولدۇم

ئۆلگۈدەك بولدۇم

 

 تۇرغۇنجان«تۇيغۇ»

 

 ئايرىلدى يار يېنىمدىن كەلمەسكەن ئەمدى،

 يارغا كۆيگەن يۈرەكنى سۆيمەسكەن ئەمدى.

 بىزدەك غېرىپ گادايغا كۆيمەسكەن ئەمدى،

 شۇ ئايرىلغان ئازاپتا ئۆلگۈدەك بولدۇم.

 

 قوغلىنىپتۇ ئۆيگە كەلگەن ئەلچىلەر دەپ،

 نۇمۇس قىلماي باردى يەنە قانچەرەت دەپ.

 ماختىنىپتۇ قىزىم گۈزەل ئاي سۈرەت دەپ،

 قانداق قىلاي ئاچچىقتا ئۆلگۈدەك بولدۇم.

 

 ياد ئىتەركەن يارنى كۈتۈپ تاڭلار غىچە،

قان يۈتەركەن يارنى كۆرگەن چاغلارغىچە.

 تولا قوغلاپ باراركەن دەپ باغلارغىچە،

 كەلگەن گەپلەر دەستىدىن ئۆلگۈدەك بولدۇم .





140 قېتىم كۆرۈلدى turgunjan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-15 18:41:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ