جاۋاپ بەر

جاۋاپ بەر

 

ئەسقەرجان

 

 قىيداپ قالدىڭ يار مەندىن نىچۈن؟

 تولا ئويلاپ تاپمىدىم جاۋاپ.

بىلەلمىدىم قىلدىم نە گۇناھ،

يا كۆڭلۈڭگە سالدىممۇ ئازاپ.

 

 كەل دىگەنتىڭ يىنىڭغا كەلدىم،

بىر ساڭىلا كۆڭلۈمنى بەردىم.

 قانداق قىلاي ئەمدى مەن يەنە؟

ئىيتقىن جانان ئالدىڭغا كەلدىم.

 

مەندىن شۇنچە بىزار بولدۇڭمۇ؟

 يا مەن ساڭا توسقۇن بولدۇممۇ؟

ئيتقىن ئوچۇق قەلىپ سىرىڭنى،

سۆيگۈم ساڭا ئويۇن بولدىمۇ؟

 

جاۋاپ بەرگىن سۇئاللىرىمغا،

مىسكىن كۆڭلۈم نىدالىرىمغا.

 گەر مىنىڭدىن كىچەلەر بولساڭ،

مەنمۇ ماڭاي مەغرۇر يولۇمغا.

 

 2016-2-16





99 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ەسقەرجان ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-17 1:10:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ