جان ئانا - ھەمدۇللا ئابدىراخمان (ئۇيغۇربېك)

         
بىز ئۈمۈر بۇيى قەرىزدار بۇلۇپ ئۈتىدىغان بىر ئۇلۇغ زات بار ،ئۇ دەل بىزنىڭ ئانىمىزدۇر .
                            - ن.ئا.ئوستېرۋېسكى

  جان ئانا

       ھەمدۇللا ئابدىراخمان  (ئۇيغۇربېك)

يىغلىماڭ ئانا ھەرگىز يىغلىماڭسىز،
قەلبىمنى كۆزياش بىلەن تىغلىماڭسىز،
ئۈتۈنەي كۈلۈپ تۇرۇڭ قىينىماڭسىز،
كۈلپىتىمدە ئۈلپىتىمسىز جان ئانا.

جاھاندا بىر دانەمسىز بارلىقىمسىز،
ھاياتىم مەزمۇنىسىز شاتلىقىمسىز،
دۇنياغا تىگۈشكىسىز بايلىقىمسىز،
قىممىتىم ھەم ئىززىتىمسىز جان ئانا.

〔جان ئانا جېنىم ئانا، جېنىم ئانا،
چوڭ بۇلۇپ خىزمەت ئۈچۈن كەلدىم مانا،
مىھرىبانىم سىزئۈچۈن، مەن قۇل بۇلاي،
ھەرەمگە يۈدۈپ باراي، دۇلدۇل بۇلاي،
يۈرىكىم ھەم تىلىكىمسىز جان ئانا.〕

كۈلكىڭىزدىن گۈل كەبى ئېچىلارمەن،
يىغلىسىڭىز كۈل كەبى چېچىلارمەن.
ساق تۇرسىڭىز بەخىتلىككە قېتىلارمەن.
دۆلىتىم ھەم سۆلىتىمسىز جان ئانا.

ئايىغىڭىز سۈيۈشكە بىرىڭ ئىمكان.
رازى قىلىپ كىتىشكە بىرىڭ ئىمكان.
بېششىمدا كۈتۈرۈشكە بېرىڭ ئىمكان.
ھۆرمىتىم ھەم خىلۋىتىمسىز جان ئانا.
     





60 قېتىم كۆرۈلدى uyghurbek ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-28 18:22:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ