ئانىلار ئۇلۇغ
قاغان
ئانىدىن ئاپرىدە بولغان بۇ دۇنيا،
ئانا ھەم دۇنيادا گۆھەر تۇتىيا .
قەدىرلە ئاناڭنى گۆھەردەك گويا،
گەر بىلسەڭ دۇنيادا ئانىلار ئۇلۇغ.
كىچىكىدىن كۆتۈرۈپ پەپىلەپ باققان،
بالام دەپ ئاھ ئۇرۇپ باغرىغا ياققان.
ياش قۇرماي كۆزىدىن ئۇخلىماي ياتقان ،
بىلىپ قوي ئەي ئوغۇل ئانىلار ئۇلۇغ .
ئەنسىرەيدۇ ئۇ يەنە كۈنى ھەم تۈنى،
پەرزەنتىنىڭ ئىشقىدا ياخشىمۇ كۈنى.
ۋە لىكىن بەزىلەر بىلمەيدۇ شۇنى،
ئېسىڭدە ھەم چىڭ ساقلا ئانىلار ئۇلۇغ،
| 68 قېتىم كۆرۈلدى | kagan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-15 22:03:25 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|