يالغانچى دۇنيا
تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
يۈرۈكۈم بىئارام كۆڭلۈم پەرىشان،
قەلبىمنى چۈشەنمەس ھېچقانداق ئىنسان.
يۈرەكلەر توختاۋسىز قىلىدۇ نالە،
خىيانەت تونىغا ئورالغاچ جاھان.
ئادەملەر ئادەمگە قىلمىغاچ ۋاپا،
قەلىپتىن مۇز ياغار ھەتتاكى توپا.
ئىنساپتىن سۆزلەشكە تۇتۇلار تىلىم،
قالماپتۇ دۇنيادا ۋىجدان ھەم ھايا.
ياماندۇر ياماننىڭ ھىيلىسى كاتتا،
سۆزى ھەم ھەركىتى ھەممىسى ساختا،
ئۆزىنى سورىسا كۆڭۈلسىزلىك يوق،
خارلىنىپ يۈرمەيتى تۇراتتى ئاقتا.
ماختايدۇ ئالدىڭدا لەۋلىرى تاتلىق،
پىيادە بولساڭمۇ كۆرسىتەر ئاتلىق.
رەڭگىگە قاراپلا ھەسەل دەپ قالما،
قەلبىدە ھەسەت بار زەھەردەك ئاچچىق.
سۆزلىرى ئىسىلدۇر بەئەينى ئۈنچە،
ئېغزىدىن تۆكۈلەر خۇشپۇراق غۇنچە.
تۈلكىنىڭ تونىدا ئورالغانلارغا ،
بىرەرمۇ بۇ دۇنيا ئالىي سۆيۈنچە.
-تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
2017-يىلى1-ئاينىڭ19-كۈنى (پەيشەنبە)
98 قېتىم كۆرۈلدى | تۇنساگۇل ئىسمائىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-9 23:33:11 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-2-23 20:35:10 | 库尔班江 |
yahxe yezipsiz |
2017-2-16 23:06:12 | بۇئايشەم |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|