💐 قېرىنداش 💐
ساۋۇت سەدەن (ئانارى)
ئاسرا قېرىنداشنى قەدىرلە ئەبەت ،
چۇشەنسەڭ ئەڭ ئۇلۇغ قېرىنداش پەقەت ،
دوس -يار تېپىلىدۇ ئىزلىسەڭ ئەگەر ،
تېپىلماس يەنىلا قېرىنداش پەقەت ،
⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪
قالساڭ گەر چۆللەردە يىگانە پېتى ،
ئىزلەيدۇ يەنىلا قېرىنداش سېنى ،
تەكسە گەر تۇرمۇشتا بېشىڭغا داڭگال ،
ئاققىنى يەنىلا قېرىنداش يېشى ،
⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪
ئېغىر ھەم يىنىكىڭنى كۆتىرىدۇ ئۇ ،
رەنجىتسەڭ يەنىلا كەچۇرىدۇ ئۇ ،
ئولتۇرسا قوپسىمۇ خىيالى سەندە ،
سەن ئۇچۇن جاندىنمۇ كىچەلەيدۇ ئۇ ،
⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪
تەڭرىنىڭ ئەڭ ئىسىل سوۋغۇتىمۇشۇ ،
كۆڭۇلنىڭ شاتلىغى ئارامىمۇ شۇ ،
كۆكتە ھەم پارلىغان قۇياشتەك مېھرى ،
ھەر قەدەم غەلبەڭنىڭ مادارىمۇشۇ ،
⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪
| 74 قېتىم كۆرۈلدى | ساۋۇت سەدەن (ئانارى) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-2 19:21:52 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|