ساھىبجامال (ناخشا تېكىستى) - مەمەتجان سەمەت

ساھىبجامال (ناخشا تېكىستى) 

 مەمەتجان سەمەت


خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ بۈگۈن،
كۆرۈپ قالدىم بىر ساھىب جامال.
كۆڭلۈپ چۈشۈپ شۇئان ئۇنىڭغا،
كەلتۈرەي دەپ ئىزدىدىم ئامال.

غايىپ بولدى ئۇزاق ئۆتمەيلا،
كۆز ئالدىمدىن ئۇ ساھىب جامال.
شۇ ھامانلا دەرىت ئەلەم باستى،
يۈرۈكۈمنى قىلغاچ ئۇ قامال.

ھېچ بولمىسا ئالدىغا بېرىپ،
سورىۋالسام بىر قېتىم ئەھۋال.
ئارمىنىممۇ يوق ئىدى پەقەت،
ئۆلۈپ كېتىپ تاپساممۇ زاۋال.

ئاشۇ قىزنىڭ ئىشقى ئوتلىرى،
ئەمدى ماڭا قىلارمۇ ئۇۋال.
ئازاپلاردا قىينىلىپ كەتسەم،
گۈل چىرايىم بولارمۇ ئوسال.

ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : چ چ. 308381500
ئىشلەتسىڭىز ئاپتورنى ئىزدەڭ نامسىز قىلماڭ
     





161 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-22 11:12:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ