ئۇلۇغ ھىجران
نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى
ۋۇجۇدۇمدا ئۇلۇغ بىر ھىجران ،
گۈلخان كەبى يىنىپ كۆيەرمەن.
سۆيگۈ ۋەجى ئۇشبۇ كۈلپەتكە،
ھىچ بىلمىدىم قاچان كۆنەرمەن.
گۈلىستان دەپ كىرگەن باغلىرىم،
گۈلزار ئەمەس بولدى گۆرىستان.
تۈندە تەنھا كۈندە سىغىنىش،
مىڭ ئەلەمگە تولدى دىلىستان.
دەيمۇ مەنزىل دەشتى چۆللەرنى،
ماڭا ئارمان بەخشەندە قىلغان.
دەردىم ئىيتسام ئاڭلارغا يار يوق،
ئىشقى يۈرەك باغرىمنى تىلغان.
قەترە ئارام بەرسىچۇ كاشكى،
قىينار يۈتمەي كۆزۆم ئالدىدىن.
كۆككە قاراپ تۆكتۈم ئىلتىجا،
خىلۋەت ماكان تۇتسام دالدىدىن.
ئەمما بولسۇن نەدە خالى جاي،
قايدا بولسام مىسكىن يۈرۈگۈم،
زەپ خارلىدى مۇھەببەت قەستى،
كۆپ ئۇزاتتىم چىقتى ئۆلۈگۈم.
قەلبىمدە بار ئۇلۇغ بىر ھىجران ،
قاتتىق قىسمەت يۈدۈپ يۈرگىنىم.
ئاشىق بولسا كۈلمەمدۇ تەغدىر،
قايغۇ ئەلەم ئازاپ كۆرگىنىم.
نىتەي پەلەك بارمۇ خاتىمە،
قايغۇ ئەمەس كەلسىچۇ مەلھەم.
بۇ ئوت پىراق بۇ ئۇلۇغ ھىجران،
بەنىدمۇ يا روھىمغا مەھكەم.
تاشلاي دىدىم ئۇزاققا نەچچە،
كەلدىم ئاجىز بولمىدى مومكىن.
بىلسەم ئىدىم يەنە قانچىلىك،
ئۆتەر كۈنۈم سەدپارە غەمكىن.
2016-2-26-كۈنى
شەرئى
76 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-2 9:04:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|