چاقنايدۇ يۇرگۈمدە《ئۈچ ئەل》خىزمىتى(ئېقىن)

چاقنايدۇ يۇرگۈمدە《ئۈچ ئەل》خىزمىتى

 

 ئەزىز ئەركىن (ئېقىن)

 

پارتىيە تاللىغان ئۇچقۇر ئوغلانلار،

 يۇرەكتە تىپىرلاپ ئارزۇلار ئارمانلار.

 تۇرىدۇ ھۆرمەتتە قورىقماس پالۋانلار،

 تەييار بىز ئىشلەشكە《ئۇچ ئەل》خىزمىتى.

 

 رىشتىمىز باغلانغان ۋەتەنگە ئەلگە،

 ئوخشايدۇ قەددىمىز سۇلىماس گۈلگە.

 ئايلانغان ئىرادە قالقانغا تەنگە،

ھەر ۋاقىت ئويلايمىز《ئۇچ ئەل》خىزمىتى.

 

 مۇقۈملۇق بىرىنچى ،ۋەتەننى قوغداش،  

نىيتىمىز ئىشلەشتۇر،خەلىقنى يوقلاش.

 ھىمايە قىلىشتۇر، خەلىقنى ئويلاش،

چاقنايدۇ يۇرەكتە《ئۇچ ئەل》خىزمىتى.

 

بىر تۇققان قىرىنداش خەلقىمىز ئىجىل،

رەھبەرلەر كادىرلار بىربىردىن ئىسىل.

 ئىناقلىق بابىدا 《بىلىق سۇ》خىجىل،

خۇش قىلدى كەنىتنى《ئۇچ ئەل》خىزمىتى.

 

 بولسىمۇ قورقمايمىز خىزمەت جاپالىق،

 قەسەمدۇر پارتىيە خەلىققە سادىق.

 كادىر بىز ساپالىق ئىسىل خىسلەتلىك،

 تاۋلايدۇ كادىرنى《ئۇچ ئەل》خىزمىتى.

 

 ياسالدى ئەمىن ئۆي، ئاسفالىت يوللار،

سۇمۇ ھەم قىس ئەمەس قىزىپ قۇدۇقلار.

 سەھنىدە ھەتتەكى رەڭدار چىراقلار،

نەپ بەردى دىققانغا《ئۈچ ئەل》خىزمىتى.

 

كەنىتنىڭ ھەر يىردە قەدەم ئىزىمىز،

 قانۇن ھەم تەشۋىقات تۇنجى سۆزىمىز.

 پارتىينىڭ نۇرىنى ئەلگە چاچىمىز،

 خۇش قىلدى خەلقىمنى《ئۈچ ئەل》خىزمىتى.

 

  پارتىينى كۈيلەيمەن مەدىھلەپ شۇنداق،

 سەن مىنىڭ يىتەكچىم ئىسىمدە ھەرۋاق. 

  پارتىيەم بولغاچقا مىللەتلەر ئىناق.

 چاقنايدۇ يۇرگۈمدە《ئۇچ ئەل》خىزمىتى.

 

 2016/01/14 قەشقەر





144 قېتىم كۆرۈلدى ئەزىز ئەركىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-14 11:28:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ