تۇمانلىق - بىر مىسكىننىڭ شىكايىتى
 (بىر مىسكىننىڭ شىكايىتى)

            تۇمانلىق          

ئابدۇرەشىت ئابدۇكېرىم

مەن غېرىپ مىسكىنگە دەرتلەر،
قىلمىدى ھىچ-بىر ئاسانلىق.
بىرسى يەتسە،بىرسى قىسقا،
ھەممە ئىشىم شۇ تۇمانلىق.

تولدى ئەلەملەر قان بۇلۇپ،
يۈرەك زەردابىدىن ئېشىپ.
يوقتۇر قىرىنداشىم مېنىڭ،
مەن غېرىپ مىسكىندىن تېنىپ.

سۇندى كۆڭلىم دىل ئازارى،
قالدى شۇ ئۆتمىشتىن پەقەت.
ئۆتتى يالغۇزلىقىم شۇڭا،
مىھرىبانىم جانىم پەقەت .

ئاچتى بەزىلەر ئىماندىن گەپ،
ھەق ئىلايەتتىن سۆز ئۇرۇپ .
يوق ئۇنىڭدا زەررە ئېمان،
قىلمىشلىرى ئۇندىن تېنىپ.

سۆزلىرى ئالى جاناپلىق،
قىلمىشىدا يوق ئاسانلىق.
چىن ھەقىقەتتىن يېراق ئۇ،
ھەق ئېمانى ھەم تۇمانلىق.

ئۈمۈدۈم بار يەنە شۇنچە،
ھەق تائالاھ مىھرىبانىم.
تاشلىمايدۇ بەندىنى ئۇ،
كۈچ قۇۋەتتىن ئۈمۈدۈم...

2015-يىلى 7-ئۆكتەبىر

 




214 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-7 14:29:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ