يۈرۈكۈمدە ئازاپلىق قان-ياش
ئابلىمىت ئوسمان (مەرىپەت ئوغلى)
ئەسلىمەي دىسەممۇ قەلبىمنى باغلاپ،
ھەر ۋاقىت ھەمرا سەن خىياللىرىمغا.
ئىشقىڭدا يۈرۈكۈم ياندى چوغ بولۇپ ،
ھىچ ئىچىڭ ئاغرىماس ئاجىز جېنىمغا .

مەڭگۈگە ئۈزۈلمەس بىزنىڭ رىشتىمىز ،
دىگەن شۇ شېرىن سۆز ، ۋەدىلەر يالغان.
كەتسەڭمۇ سەن مىنى ئازاپقا تاشلاپ.
قەلبىمدە سەن بولغان ئۆچمەس ئىز قالغان.

سېغىنسام ئاھىمنى تېڭشار ئەمدى كىم ،
ھەسرىتىم-ئازابىم سىغماس يۈرەككە .
ۋۇجۇدۇم ئۆرتىنەر چۈشكەندە كۆزۈم.
بىز بىرگە قول تۇتۇپ چۈشكەن سۈرەتكە.

سەن تۇتقان نەرسىلەر، بەرگەن سوۋغىتىڭ.
دەردىمگە، زارىمغا بولىدۇ مۇڭداش.
مەڭگۈگە ئۇنتۇلماس ئەسلىمە بىرىپ.
قالدۇردۇڭ يۈرەكتە ئازاپلىق قان-ياش .
| 166 قېتىم كۆرۈلدى | maripatoghl | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-26 22:23:00 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|