قارا سەۋدا (شېئىر) - نۇرشات مۇساجان

قارا سەۋدا

نۇرشات مۇساجان

بۇ ئ‍ىشىق يالغان ئ‍ەمەس قىلما تۆھمەت دىلبىرىم ،
باشلىرىمغا بۇنچە كۆپ سالما كۈلپەت دىلبىرىم .
مەيلى خاراپ ئ‍ەتكىن مېنى ئ‍وتلىرىڭدا كۆيدۈرۈپ ،
بىۋاپا شەيتان بىلەن بولما ئ‍ۈلپەت دىلبىرىم .

تۈن قارا كۆزۈمدە بولۇپ قاپتۇ ئ‍ىشىق پەيدا ،
لالىدەك غۇنچە بوي ، سىمايىڭغا يۈرەك شەيدا ،
ئ‍ەيلەيدۇ سەرسان لېكىن بۇ كۆيۈك قارا سەۋدا ،
ھىجرانى سەۋدا بىلەن قۇرما سۆھپەت دىلبىرىم .

ناز قىلىپ بېقىشىڭ نەچچە رەت قىلدى ئ‍ەقلىمنى لال ،
ئ‍ېلىپ كەتتى شۇ نازلار يۈرىكىمنى بىمالال .
قالغىنى پەقەت قارا سەۋدا ، ئ‍ەي ! ساھىبجامال .
كۈتتۈم لېكىن كەلمىدى ، ماڭا نۇسرەت دىلبىرىم !؟
     





181 قېتىم كۆرۈلدى نۇرشات مۇساجان ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-10 17:47:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-12 20:30:39 قۇتتېكىن
تۆتىنچى كۇپلېتتا ۋەزىن چېقىپتۇ
2017-3-11 21:48:50 gulnigar
bak yahxi yiziptu dawamlik terxig
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ