چۈشۈمدىكى يار
چۈشۈمدىكى يار - تۇنساگۈل ئىسمائىل(قەشقىرى)
چۈشلىرىمگە كىرىپ قاپسەن سۆيگۈنۈم بولۇپ،
ئويغۇنۇپلا ھەيران قالدىم ئېغزىمنى تۇتــۇپ.
ئۆزگە گۈلنىڭ بۇلبۇلى سەن شاھزادىسى سەن،
ھاياتىمغا سىڭىپ كىرمـــە كەيپىمنى بـۇزۇپ.
سىنى سۆيۈش ياراشمايدۇ پەقەت قەلبىمگــــە،
دەرمان بولۇپ ئۆتەلمەيسەن مەڭگۈ دەردىمگە.
بولدى قىلغىن زۆھرەيىڭنى قەدىرلە سۆيگىـــن،
چىچەكلىرىڭ مىۋە بەرسۇن قانسۇن مىھرىڭگــە.
چىدالمايمــــەن چۈشلىرىمدىن يوقال دىيىشكە،
باھانــــــەم يوق سىنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتۈشكە.
گەرچە سىنى چىن دىلىمدىن سۆيسەممۇ شۇنچــە،
رازىدۇرمەن بەختىڭ ئۈچۈن ئەلـــەم يۈتۈشكـە.
سىنىڭ بىلەن گـــــۈزەل ئىدى ئۇشبۇ كۈنلىرىـم،
پاراڭلىشىپ زىرىكمـــــەيتىم ئويغاق تۈنلىرىم.
ئامال قانچە ئىنسان دىگەن ئاجىزكەن شۇنـداق،
ئاھلىرىڭنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چىقماس ئۈنلىرىـــم.
ئايغا قاراپ خىيال سۈردۈم ئايدىڭ كىچـــىدە،
سىمايىڭنى ئەسلەپ يەنـــــە ئەلەم ئىچىـدە.
چولپان يۇلتۇز دىدى ماڭا تەبەسسۇم بىلـــەن،
ھىسىياتتىـــن ئەقىل مۇھىم دانـــا كىشىـــدە.
--تۇنساگۈل ئىسمائىل (قەشقىرى)
---2016.06.21 ئۈرۈمچى
25 قېتىم كۆرۈلدى | تۇنساگۈل ئىسمائىل(قەشقىرى) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-6-21 1:53:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|