ھىجرانغا ماتەم
- مەھبۇب
لەيلىنىڭ لېۋىدەك قارا يۈرەكنى
سەنەمنىڭ سۇنبۇلە چېچىدا باغلاپ .
زۆھرەنىڭ ئوقيادەك كىرپىكى بىلەن ،
ئاتتىم ھىجراننىڭ كۆكسىگە ئۇدۇللاپ !
ئاھ ، دېدى غېرىبنىڭ باغرىدا ھىجران ،
تاھىرمۇ يۈرىكىن تۇتتى قاماللاپ .
مەجنۇننىڭ چاك كەتكەن تەمسىز لېۋىگە ،
تاقەتسىزلىك بېشىنى قويدى يامانلاپ !
كەل مەھبۇب دەپ ئاچتىڭ باغرىڭنى چوڭقۇر ،
بۇلدۇقلاپ ئوقچۇدى يۈرىكىڭدە قان .
ۋىسالنىڭ بوسۇغىسىغا ھىجراننى كۆمۈپ ،
يول ئالدۇق ئۇپۇققا تەڭلا چىقتى جان !
قىسسىلەر پۈتتى ھەم قايتمىدى ئۆتمۈش ،
لەيلىنىڭ مەسخىرىدە تىكىلەر كۆزى .
ئېي ئەخمەق ، دەپ ئېيتار غېرىبان مەجنۇن ،
ھىجراندۇر ئەسلىدە ۋىسالنىڭ ئۆزى !
| 89 قېتىم كۆرۈلدى | mehbub181 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-5 15:31:09 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|