داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ - ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى

داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ

 

 ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى 

 

 تۇغقان كىمنى تۇغقان ئىتىدۇ؟

ئاناڭ ئاشنى كىمگە ئىتىدۇ؟

 قەدرىڭگە ئېيىت كىملەر يىتىدۇ؟

داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.

داداڭ يوقكى كاتاڭ يوللىرىڭ.

 داداڭ يوقكى پاساڭ پۇللىرىڭ.

داداڭ يوقكى قاشاڭ قوللىرىڭ.

 داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.

ئاڭلىمايدۇ ھىچكىم ئاھىڭنى،

 ئېپ قويمايدۇ ھىچكىم رايىڭنى.

تاپالمايسەن ئورنۇڭ–جايىڭنى،

 داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.

«جان» نى قۇشۇپ چاقىرماس ئېتىڭ،

 ئىتىبارسىز ئىلتىماس خېتىڭ.

 قېپ قالىسەن شۇ يىتىم پېتىڭ،

 داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ. 

 ھېيتمۇ ھېيىتتەك ئۆتمەيدۇ ئۇسىز،

 ھاجىتىڭمۇ پۈتمەيدۇ ئۇسىز.

غەم–قايغۇلار يۈتمەيدۇ ئۇسىز،

 داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.

سەن قايغۇرساڭ بېشىڭ سىلار يوق،

 ئۇدۇل تىگەر رەقىپ ئاتقان ئوق.

 چۈنكى داداڭ–ساڭا قالقان يوق،

 داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.

دادىسى بار،ئاڭلا نەسھىتىم،

 ئۈتۈپ كەتمە ئويناپ بۇ پېتىم.

 يوقلا ئايدا بولسا مىڭ قېتىم،

 داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.

 

 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى. ئاقسۇ





215 قېتىم كۆرۈلدى margimux ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-20 9:32:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ