نۇرمۇھەممەت ئابلىمىت ئازغۇن
يۈرىسىز سىڭلىم سۈرىيە قەيەرلەردە تەمتىلەپ،
يوقاپلا كەتتىڭىز، ئىزدەپ كەتتۇق بىز ئەجەپ.
چىقايمۇ يا دىمەيسىز مۈكۈندىڭىز نەلەرگە،
ئوينىمامسىز بايرامدە دوستلار بىلەن تەبرىكلەپ.
بۈگۈن سىزگە بايرامتى، لىكىن سىزگە بولمىدى،
قارا نىيەت ھايۋانلار سىزنى ئەركىن قويمىدى.
ئىپ كەتكەندۇ نەلەرگە، تاپالمىدۇق بىز ئەجەپ،
سىزنى ئەسلەپ بايرامدە يۈرەكلىرىم يىغلىدى.
قاراڭ ئەنە ئەتراپتا ئوينىماقتا بالىلار،
تەنتەنە قىپ بايرامدا توۋلىماقتا ناخشىلار.
ئۇلار شۇنچە شاد – خۇرام، سەكرىشىدۇ قوزىدەك،
قاراپ ئاڭا يۈرىكى شاتلانماقتا ئانىلار.
پەقەت سىزنىڭ ئانىڭىز شۇنچىلىكمۇ مىسكىندۇر،
سىزنى ئويلاپ قان يۈرەك، ئۆيدە يىغلاپ ئولتۇرۇر.
كۆزلىرى ھەم ئىشىكتە سىزنى قاچان كىلەر دەپ،
قايتىپ كىلىڭ سۈرىيە بارچە ئەللەر خۇش بولۇر.
قايتىپ كىلىڭ سۈرىيە، بىللە بايرام ئوينايلى،
بۈگۈن سىزگە بايرامدۇر، بىللە يايراپ كۈلەيلى.
يۈرەكلەردە قالمىسۇن ئازاپلارغا ئورۇن - جاي،
يالغۇز قويۇپ ھەسرەتنى، شاتلىق بىلەن يۈرەيلى.
2015 - يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سۈرىيەگە ئاتاپ يىزىلدى.
يازغۇچى: نۇرمۇھەممەت ئابلىمىت ئازغۇن
ئاپتور ئۈندىدار: 787204543
رۇخسەتسىز باشقا توربەت-سالونلاردا تارقىتىشقا بولمايدۇ
355 قېتىم كۆرۈلدى | azghun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-19 17:00:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-3-5 18:18:50 | مىسران |
سۈرىيە تېپىلىپتىمۇ، باشقىلاردىن تېپىلىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم راستمۇ يالغانمۇ؟ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|