شېئىر يازدىم يارىمغا (شېئىر) - ئابدۇراخمان ئىبراھىم

شېئىر يازدىم يارىمغا

ئابدۇراخمان ئىبراھىم

شېئىر يازدىم يارىمغا،
قەلبىمدىكى بارىمغا.
مەن ئۈچۈنلا يارالغان،
مەڭگۈ ۋاپادارىمغا.

شېئىر يازدىم يارىمغا،
ئامالسىز چىدارىمغا.
كۆزدىن ئۇيقۇ قاچۇرغان،
تۈندىكى بىدارىمغا.

شېئىر يازدىم يارىمغا،
قەلب پەرۋىشكارىمغا.
سۆيگۈ گۈلى تېرىغان،
دىلدىكى گۈلزارىمغا.

شېئىر يازدىم يارىمغا،
ئۇسىز سۆيگۈم خارىمغا.
ھىجرانىغا تاشلىغان،
دىدارىغا زارىمغا.

شېئىر يازدىم يارىمغا،
ۋىسالىغا زارىمغا.
شۇ ئۈمىدتە ياشاتقان،
مەنىۋى مادارىمغا.

2017.2.15 كورلا
     





112 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇراھمان ئىبىراھىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-16 23:41:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-23 20:28:25 ئايگۈل
ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ،🌷🌷🌷🌷💐💐💐💐💐
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ