ئاخىرقى دىدار (نەسىر) - سۈبىھىنۇر ئەبەي

ئاخىرقى دىدار (نەسىر) 

 سۈبىھىنۇر ئەبەي 


گۆر ئاغزىدىن تەستە قېچىپ قۇتۇلۇپ،ئالدىراپ ياشانغانلار ساناتۇريىسىگە ماڭدىم. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ يەردىمۇ ئۇزاق تۇرۇش مۇمكىم بولمايدىغاندەك تۇراتتى. چۈنكى بۇ يەردە تۇرغان كىشلەر كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا ساقىيىپ كېتەتتى، ئاندىن قولىغا  ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنى ئېلىپ دەرھال خىزمەتكە چۈشمىسە بولمايتى. قىززىق ئىش خىزمەتكە چۈشكەن بىرىنچى كۈنۇملا شۇنچىلىك مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. ئۇلار مېنى مۇكاپاتلاپلا قالماي يەنە نۇرغۇن زىياپەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي كۈنلىرىم تولىمۇ ئالدىراشىلىق ئىچىدە ئۆتتى. بارا-بارا خىزمەتكە قاتتىق كىرشىدىغان ئۇيان-بۇيان قاتراپلا يۈردىغان بولدۇم. بۇ بەلكىم ھېلىقى مۇكاپات ۋە زىياپەتنىڭ ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىم بولسا كېرەك. لېكىن خىزمەتكە باشقىچە كىرىشىپ بار كۈچۈم بىلەن ئىشلەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە يېشىم توشمىغانلىق سەۋەپلىك بۇ خىزمەتتىن ئايرىلىپ  ئالىي مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا  ھەتتا باشلانغۇچ يەسلىلەرگىچە سەرسان بولدۇم. دوىمۇش ھاياتلىقنىڭ مەنالىرىغا تويۇنغان ئورۇن ، بۇ يەردە ھەر قانداق ئىمتىياز رولىنى يوقاتقان بولىدۇ. مەن دوقمۇش دوقمۇشلاردا تەمتىرەپ ئارانلا مېڭىپ كېتىپ بارغان بالا بولدۇم. ۋاقىت قوينىدا شۇنچىلىك ئەركىن ،شۇنچىلىك بەختىيار ئەللەيلەندىم. خىيال باياۋانلىرىدا مەنزىلسىز يۈگۈرۈپ ئاخىرى ئانامنى تاپتىم ، باغرىغا قوينىغا ئاخىرى تىنىگە سىڭىپ كىرىپ شۇ يەردە     ئاستا-ئاستا كىچىكلەشكە باشلىدىم.

يىغا زارى بارغانچە كۈچىيىپ كەتتى.مەن ياغلىقىمنى چىڭ ئوراپ سىرتقا قاراپ يۈگۈردىم.

ئىنسان-ھايات-مامات بۆشۈكىدە تەۋرەنگەن پەرزەنت؛ھايات-ئۆلۈم ۋە ياشاش كوچىسىغا تاشلانغان بوۋاق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھايات تەتۈر گە قاراپ ماڭسا بىز ئاخىرقى دىدارلاشقاندا كۈلار بولغىيمىزمۇ؟  

 

作者:北京市海淀区中关村南大街27号中央民族大学维吾尔语言文学系学生苏比努尔·艾拜

联系方式:13699227673

ئاپتورى مەركىزى مىللەتلەر ئونىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكولتىت ئوقۇغۇچىسى: سۈبىھىنۇر ئەبەي 

     





245 قېتىم كۆرۈلدى سۈبىھىنۇر ئەبەي ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-14 22:24:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ