كىرسەم دەيمەن مىسكىن قەلبىڭگە

كىرسەم دەيمەن مىسكىن قەلبىڭگە

 

 ئەسقەر قۇر بان

 

 بولدى قىلغىن يىغلىما جېنىم .

 سۈرتىۋەتكىن ھىجران يېشىڭنى،

 ئۆتمىشىڭنى دەپنە قىلىۋەت،

 خوشال ئ‍ۆتكۈز ھەربىر كۈنۈڭنى.

 

 كىرسەم دەيمەن مىسكىن قەلبىڭگە،

 ئاشۇ غېرىپ تەنھا چېغىڭدا.

 ئارزۇلىرىڭ بولماستا خازان،

 يەتسەم دەيمەن دەردۇ ھالىڭغا.

 

 مېنى كۆرسەڭ قاچمىغىن يىراق،

 بار مېنىڭدە ئوتتەك ئىشتىياق.

 سەنمۇ بەرگىن قەلبىڭنى ماڭا،

 قىينىمىسۇن ھىجران ۋە پىراق .

 

 قول تۇتۇشۇپ يۈرەيلى بىللە،

مۇھەببەتنىڭ گۈلزارلىقىدا،

ۋىسال تاپسۇن مىسكىن قەلبلەر،

 يۈرەكتە ئوت يانغان چېغىدا.

 

مەنبە: كۈندىلىك خاتىرەمدىن ئېلىندى

 2016.1.29





383 قېتىم كۆرۈلدى ikbal ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-30 0:06:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-9 16:23:32 ئەسقەر
ھۆرمەتلىك تورداشلارنى ياقتۇرغىنىغا رەھمەت
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ