ئاي بىلەن سىرداشتىم جىمجىت كېچىدە - مەردان ئېزىز

 ئاي بىلەن سىرداشتىم جىمجىت كېچىدە

‎مەردان ئېزىز  تارىم ئوغلى  قەلىمى


‎كەلگەندە بېشىمغا تاغدەك دەرت ئەلەم،
‎تىترىدى يۈرەكىم ھەسرەت ئىلكىدە.
‎پاتمىغاچ ئىچىمگە دەردۇ ھەسرىتىم ،
‎ئاي بىلەن سىرداشتىم جىمجىت كېچىدە.

‎ئاي چىقىپ يورۇپتۇ قاراڭغۇ ئاسمان،
‎كۆز تىكتىم دېرىزە سىرتىغا شۇئان.
‎چىكى يوق دىردىمنى ئەيلىگەچ بايان،
‎ئاي بىلەن سىرداشتىم جىمجىت كېچىدە.

‎قىلغاچقا ئازابىم يۈرەكنى يارا،
‎ئىزدىدىم ئۆزۈمگە سىرداش بىر دانا.
‎تاپمىغاچ دەردەمگە ئىقلىمدىن داۋا،
‎ئاي بىلەن سىرداشتىم جىمجىت كېچىدە.

‎دەرت ئەلەم  ھەسرەتلەر چەكتىم بىر مەھەل،
‎كەلمىدى جېنىمغا ياكى شۇم ئەجەل.
‎تۆلىگەچ كەم ئەقىل بولغانغا بەدەل،
‎ئاي بىلەن سىرداشتىم جىمجىت كېچىدە.

‎2016-يىل  2-نويابىر (星期三)
‎كېچە سائەت  11:45(乌鲁木齐)
     





76 قېتىم كۆرۈلدى مەردان ئېزىز ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-8 12:36:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ