ئۆتۈپ كېتىدۇ (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 ئۆتۈپ كېتىدۇ

تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ،دەرتنى بىرگە ئېلىپ كېتىدۇ،
قىلما ھەرگىز كۆڭلۈڭ پەرىشان،گۈزەل كۈنلەر ھامان كېلىدۇ،
جەۋرى-جاپا ئىنسانغا ھەمراھ،چىدىغىنسەن ئۆتۈپ كېتىدۇ،
ئەگرى-توقاي بولمىسا تۇرمۇش،بەخت سىزگە نەدىن كېلىدۇ.

ھايات شۇنداق مۈشكۈل سەپەردۇر،تېتىپ باققان كىشى بىلىدۇ،
كۆنەلمىساڭ قىيناشلىرىغا،يۈرىكىڭنى ئىزىپ كېتىدۇ،
قىينالساڭمۇ چىدا ئۇنىڭغا،جۇدۇن كېتىپ،باھار كېلىدۇ،
كۈنلەرئۇزۇن كۈلۈپ ياشىغىن،دىللىرىڭدىن كۈيلەر چىقىدۇ.

پىشاينەڭگە بەخىت قونغاندا،دوستلىرىڭىز ئۇچۇپ كېلىدۇ،
نە بىلەلمەي كۈيلەشلىرىنى،يەر جاھانغا پاتماي كېتىدۇ،
گۈللىرىڭنى قىستۇراي مەن دەپ،ئاياغ كىيمەي يۈگرەپ كېلىدۇ،
ھايات دېگەن مانا مۇشۇنداق،دەرتلەر كېتىپ،رەڭلەر كېلىدۇ.

بىلەلمىسەڭ ئۆزۈڭنى گاھى،دوسلۇرۇڭمۇ تاشلاپ كىتىدۇ،
قەدىرلىگىن ئۆزۈڭنى ھەر چاغ،ھايات شۇنداق چىكىپ كىتىدۇ،
گۈل سۇنمىساڭ ئاتا-ئاناڭغا،ۋاپادارلىق نەدىن كىلىدۇ،
قول ئۇزاتما كىشى رېسقىغا،ھەممە كىشى بىلىپ تۇرىدۇ.

دەرتلەر شۇنداق چىكىپ كىلىدۇ،ئەقلى بارلار چوقۇم بىلىدۇ،
يامانلىقنى ئويلىما ھەرگىز،ئۆزىڭىزگە يېنىپ كېلىدۇ،
سۆزۈم بار سۆزلەپ يۈرمىگىن،ھەممە كىشى بۇنى بىلىدۇ،
ئالدىمىغىن دوستۇڭنى ھەرگىز،دۈشمەنلىرىڭ كۈلۈپ كىتىدۇ.
     





68 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-2 0:07:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ