گۇچۇڭدا

گۇچۇڭدا

 

 دىلشات ئابدۇسەمەت

 

 ئاشلىق،  چارۋا ماكانى،  بايلىقلېرى گۇچۇڭدا،

 كەڭرى كەتكەن ئىدىرلىق، سايلىقلېرى گۇچۇڭدا.

 

ماھىر جانباز توختىنىڭ قەۋرىسىمۇ گۇچۇڭدا،

 باتۇر پالۋان توختىنىڭ چەۋرىسىمۇ گۇچۇڭدا.

 

 نامى ئەلگە تارالغان شەيتان شەھىرى گۇچۇڭدا،

 كۈن چىقىشقا ئەڭ يېقىن سەھىرىمۇ گۇچۇڭدا.

 

 مەي باغلىغان مىۋىلىك باغلېرىمۇ گۇچۇڭدا،

كۆمۈرلەرگە لىق تولغان خاڭلېرىمۇ گۇچۇڭدا.

 

 شۇنچە گۈزەل مۇلايىم قىزلېرىمۇ گۇچۇڭدا،

 كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈدى يۇلتۇزىمۇ گۇچۇڭدا.

 

 كۆز يەتكۈسىز بىپايان ئوتلاقلارمۇ گۇچۇڭدا،

 گەر يېقىلسا ياشنىغان توغراقلارمۇ گۇچۇڭدا.

 

 بەشبالىقنىڭ خاندانى سۇلتانىمۇ گۇچۇڭدا،

 ئۇزۇن ئۆمۈر ماكانى چولپانىمۇ گۇچۇڭدا.





243 قېتىم كۆرۈلدى guqung ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-21 22:26:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ