پۇشايمان - ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا

پۇشايمان

 ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا


 كۆڭۈللەرنى كېزىپ كەلدىڭ پۇشايمان،

قەددىمىزنى ئېگىپ كەلدىڭ پۇشايمان.

ياشىغاننىڭ كۆزلىرىدە ياش بولۇپ ،

مەڭىزلەردە ئېقىپ كەلدىڭ پۇشايمان.


ھەسىرەتتىن ھەل بېرىلگەن تىغىڭ بار،

يۈرەكلەرنى تىلىپ كەلدىڭ پۇشايمان.

چۈشۈرىۋىلىپ قىلتىغىڭغا ئەقىلنى،

ئاچچىق دەرتكە سېلىپ كەلدىڭ پۇشايمان.


ئۆز قولىدا ئۆزنى باپلاش ھۈنىرىڭ،

بىزگە شۇنداق تېتىپ كەلدىڭ پۇشايمان.

ئوقيارىڭدا كىبىر غەپلەت بەتلەگىلىك ،

روھىيەتكە ئېتىپ كەلدىڭ پۇشايمان.


ئازدۇرۇشقا سەۋەپلىرىڭ تۈگىمەس،

نەپسمىزگە سىڭىپ كەلدىڭ پۇشايمان.

پىشانىگە ئۆچۈرۈلمەس مۆھرىڭدە،

بىر خاتالىق يېزىپ كەلدىڭ پۇشايمان.


2016/12/4
     





274 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-6 18:35:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-15 3:28:44 ئادىل
ئىسىل ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ
2016-12-12 2:36:27 سابا
پۇشايمان ،تىمىسىدىكى بۇ شىئېر ياخشى يېزىلىپتۇ ئاپتۇرنىڭ قەلمىگە بەركەت تىلەيمەن
2016-12-8 22:34:47 zumrat
Nahayte yahxe yezepsez tehemu kup asar yullag kullaymez rahmat sezga
2016-12-7 19:17:36 ھەۋەسكار
بۇ شىئىر ئ‍الامەت ياخشى يېزىلىپتۇ كۆكلەپ كىتىڭ
2016-12-7 12:07:37 رەجەپ يۈسۈپ
ئ‍ىسىل ئ‍اكام ، تىخىمۇ ياخشى ئ‍ەسەرلەرنى يىزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ