قىز پەرزەنىتلىك بولغان ئ‍اتىلار (شېئىر) - قۇندۇزئاي

قىز پەرزەنىتلىك بولغان ئ‍اتىلار (شېئىر) 

 قۇندۇزئاي


قىز پەرزەنىتلىك بولغان ئ‍اتىلار،

باغرى يۇمشاق ئ‍ېسىل ئ‍اتىلار.

چىن ئ‍ىنسانلىق يۈرىكى بىلەن،

مۇھەببەتكە مىسال ئ‍اتىلار.


بولسىمۇ  گەرنەچچە قىزىڭىز،

غەمكىن بولماڭ ئ‍وغلۇم يوقتى دەپ.

پۇتۇمغا پۇت، جاپادا تېخى،

قولۇمغىمۇ قولۇم يوقتى دەپ.


كۆزيورىسا گۈلىڭىز بىر كۈن،

سۈرۈشتۈرۈپ دوختۇردىن يۈرمەڭ.

قىز يەڭگىدى دېسە سېستىرا،

سىز ئ‍اغرىنىپ ئ‍ۇنىڭدىن كۆرمەڭ.


ئۆچۈپ قالسا ئ‍ۆينىڭ ئ‍وتلىرى،

ئوت ياقىدۇ مېھرى بىلەن قىز.

قېتىپ قالسا يۈرەكلەردە مۇز،

ئېرىتەر ئ‍اي چېھرى بىلەن قىز.


ئ‍اتىكاچىلىق قىلدى دەپ قالماڭ،

ئانىڭىزمۇ ئ‍اچىڭىزمۇ قىز.

بۇئالەمدە كىممۇ ئ‍ايالسىز،

ھاياتىغا سالالىغان ئ‍ىز.


قىز پەرزەنىتلىك بولغان ئ‍اتىلار،

باغرى يۇمشاق ئ‍ېسىل ئ‍اتىلار.

مېھىر بىرىپ مەلىكىلەرگە،

ھەقىقەتكە مىسال ئ‍اتىلار.

     





178 قېتىم كۆرۈلدى قۇندۇزئاي ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-17 1:59:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ