نۇمۇس يوقمۇ سېنىڭدە (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

نۇمۇس يوقمۇ سېنىڭدە
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

نۇمۇس يوقمۇ سېنىڭدە،
چېلىۋەتتىڭ بىردەمدە،
ساقلىيالماي بىرەر كۈن،
چاندۇردۇڭغۇ قەدەمدە.

نۇمۇس يوقمۇ سېنىڭدە،
ئازاپ سېلىپ يۈرەككە،
بىراۋ شۇنداق مۇھىممۇ،
ئۇچۇپ كەتتىڭ قەيەرگە.

نۇمۇس يوقمۇ سېنىڭدە،
مېھىر بەرگىن ھەردەمدە،
تەربىيلىگىن بالاڭنى،
بولماي ھەرگىز تەمەدە.

نۇمۇس يوقمۇ سېنىڭدە،
سەتلىشىپسەن چۈشۈمدە،
جۆيلىمىگىن ئالدىراپ،
دىققەت قىلماي سۆزۈڭگە.

نۇمۇس يوقمۇ سېنىڭدە،
ھالسىزلىغان تىنىڭدە،
بېيىت توقۇپ يۈرمىگىن،
تۇغۇلمىغان كۈنىڭدە.

نۇمۇس يوقمۇ سېنىڭدە،
تارتما ئىشنى كەينىگە،
ۋەتەن ئۈچۈن بالىلار،
بىل مۇھىمدۇر،مەڭگۈگە.

نۇمۇس يوقمۇ سېنىڭدە،
ئۇقلىمىغىن مەكتەپتە،
بالىلاردۇر ئەتىمىز،
نۇرلار سالغىن دىلىگە.

نۇمۇس يوقمۇ سېڭدە،
بىكار ناننى يىيىشگە،
ئادا قىلغىن بۇرچىڭنى،
يۈزلەر كىلىپ ۋەتەنگە.

نۇمۇس يوقمۇ سېنىڭدە،
لاغايلىماڭ مەكتەپتە،
تەكشۈرۋەتكىن تاپشۇرۇق،
قويۇپ قويماي ئەتىگە.

نۇمۇس يوقمۇ سېنىڭدە،
يول ئالغىنە مەكتەپكە،
ساقلاپ كەتتى بالىلار،
تىزرەك چىققىن مۇنبەرگە.

نۇمۇس يوقمۇ سېنىڭدە،
قار سانىمە مىللەتكە،
ۋەتەن ئاناڭ ئەڭ ئۇلۇغ،
دادىل چامدا ئەبەدكە.

نۇمۇس يوقمۇ سېنىڭدە،
ئەجىر قىلماي كىشگە،
سەبىيلەرنى تەربىيلەپ،
تۆھپە قوشقىن ۋەتەنگە.

نۇمۇس يوقمۇ سېنىڭدە،
ئېناقسىزلىق تېرىشكە،
ئىللىق جەمئىيەت كېرەكقۇ،
گۈزەل ۋەتەن، خەلقىمگە.
     





78 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-15 21:33:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ