ئوغلۇمغا (شېئىر) - قۇندۇزئاي

ئوغلۇمغا (شېئىر) 

 قۇندۇزئاي


 قاپقارا كۆز ئ‍اپئاق يۈزلۈك ئ‍وغلۇم مېنىڭ،

سەن داداڭنىڭ ھاياتىسەن،داۋامىسەن،

سىماسى باركۆزلىرىڭدە ئ‍ۇيغۇرۇمنىڭ،

يىقىلغاندا تاغدەك يۆلەك ئ‍ىلھامىسەن،


سەن تۇغۇلدۇڭ خوشال قىلىپ ھەممىمىزنى، 

ئ‍وغۇل تۇغۇلسا تاغ كۈلەركەن جاھانمۇ ھەم.

 چۈنكى ئ‍وغۇل ئ‍ەل يۈرىكى ئ‍ەل يۆلىكى، 

ئ‍ىشقا ئ‍اشارئوغۇل بىلەن ئ‍ارمانمۇ ھەم. 


فارۇق قويدى ئ‍ىسمىڭنىمۇ داداڭ ئ‍ۆزى، 

ھەق -ناھەقنى ئ‍ايرىيدىغان ئ‍ەركەك بول دەپ

 چۈنكى ھەقتە ئ‍ىنسانمۇ چىن دۇنيامۇ چىن.

قەغەزيولۋاس بولما ئ‍وغلۇم يۈكسەك بول دەپ.
     





132 قېتىم كۆرۈلدى قۇندۇزئاي ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-16 4:18:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ