ئەقىل تاپقىن قىز
مۆتىۋەر ئەخمەت
قىز قىلىپ ياراتتى سىنى ئىگىسى ،
كۈلدى بارچە كائىنات ھەم ئاتا- ئانا .
نە ئۈچۈن كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ،
قارايۈز بولدۇڭ ھەم قىلدىڭ چوڭ گۇناھ .
پۇل ئۈچۈن ياشىدىڭ سېتىپ ۋىجداننى ،
پۇل ئۈچۈن ئايانماي ھەتتا قېنىڭنى .
ئاقىۋەت ئويلىماي كېيىنلىكىڭنى ،
ساتتىڭغۇ قىممەتلىك ئاشۇ تېنىڭنى .
ئاتاڭ بىلمەيدۇ قىلغانلىرىڭنى ،
ئاناڭ ئويلايدۇ سېنىڭ بەختىڭنى ،
بىلىپ بىلمەي شۇ ماڭغان خاتا يوللىرىڭ ،
يوقاتتى سەندىكى تاجۇ - تەخىتنى .
ئەقلىڭنى تاپساڭچۇ ئەي گۈزەل قىزچاق ،
كەلگۈسى كۈلمەكتە ساڭا خۇش بېقىپ .
قارىما كەينىڭگە ئۇنۇت ئۆتمۈشنى ،
بەختىڭ كېلەر ھامان ئىشىكىڭ قېقىپ .
| 130 قېتىم كۆرۈلدى | مۆتىۋەر ئەخمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-9 2:11:56 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|