يالغۇزلۇق
ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن
قالدىم يالغۇز ناتونۇش ئەلدە ،
كۆپ بۇيەردە ئىگىز بىنالار .
ئوخشاشمايدۇ ئادەمگە ئادەم ،
شۇنچە سېرلىق سۈرگەن خىياللار .
ئىگىز ئەمەس ئادەملەر كۆڭلى ،
مەنزىللەردە لەيلەر تۇمانلار ،
كىمدۇر بىرى چەككەندە ئىشىك ،
ۋەھىمىگە چۆكەر گۇمانلار.
سوغۇق شۇنچە مېھرسىز شەھەر ،
ئەمما دىلدا ئېزگۈ ئارمانلار .
سۆيگۈ يىراق بولسىمۇ دىلدىن ،
ياشاش ئۈچۈن ياشنايدۇ جانلار .
شۇنچە سوغۇق مېھىرسىز سەھەر ،
ئۈزۈلمەيدۇ دىلدىن خىياللار …
2016.يىلى 1.ئۆكتەبىر كۈيتۈن
| 142 قېتىم كۆرۈلدى | arqen | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-2 21:56:22 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|