يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام يوللايمەن - ئۈمۈد ئابلىكىم

 يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام يوللايمەن 


 كېچە-كېچە چۈشلۈرۈمدە كېزىپ چىقىمەن ،

 تاغۇ-دەريا ، باغلىرىنى سىزىپ چىقىمەن ،

تاتلىق- تۈرۈم ،تائاملارنى تېتىپ چىقىمەن ،

ئىلى خەلىق ناخشىسىنى ئېيتىپ چىقىمەن ،

 يىراق قىردىن ئانا يەرگە سالام يوللايمەن.


  بوسۇق ئاتلاپ چىققىنىمغا پۇشايمىنىم بار،

 بولماقتىمەن ئۆزگە يۇرتتا خازان كەبى خار،

 يۇرت ۋەسلىدە بولماقتىمەن ئاشىق كەبى زار،

 سەنسىز شۇنچە كەڭرى جاھان يەنە ماڭا تار،

 يىراق قىردىن ئانا يەرگە سالام يوللايمەن.


  نېمە كۈچكىن بىزنى ياقا يۇرتقا باشلىغان،

 پىرقىرىتىپ بۇ چەت يەرگە چېچىپ تاشلىغان ،

 سېغىنىشلىق تىنچ كۆلگە چالما تاشلىغان،

    يۇرتنى ئەسلەپ شۇ ھەسرەتتە كۆزنى ياشلىغان،

يىراق قىردىن ئانا يەرگە سالام يوللايمەن.


 كۈتمەكتىمەن كانىكولنى تۆت كۈزۈم بىلەن ،

 قانداق ئېيتاي پىغانىمنى بۇ سۇزۇم بىلەن،

  تاشلاپ كېتىپ يەنە كەلسەم بۇ يۈزۈم بىلەن، 

 شۇ ئازاپتا دۈشمەن بولدۇم ئۆز-ئۆزۈم بىلەن،

 يىراق قىردىن ئانا يەرگە سالام يوللايمەن.


زۇمرەت سۇدەك تامچىپ ياغقان يامغۇرلىرىڭنى،

 سۈتتەك سۈزۈك لەپ-لەپ چۈشكەن ئاق قارلىرىڭنى ،

    ئۇلۇغ ئاققان ئىلى دەريا دولقۇنلىرىڭنى،

  سۈرتمەك بولدۇم جۈپ كۆزۈمگە تۇپراقلىرىڭنى،

   يىراق قىردىن ئانا يەرگە سالام يوللايمەن.


ئۈمۈد ئابلىكىم 

  2014.  27.نويابىر  نەنچاڭ 


     





62 قېتىم كۆرۈلدى umut_1116 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-28 10:10:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ