قاراڭغۇ كۈندۈز

 قاراڭغۇ كۈندۈز
[مەرۋايىت يازمىلىرى]


قۇياش كۆتۈرۈلدى...ئۇپۇق سىزىقىنىڭ سۈزۈك سىزىقچىللىرىنىڭ ئورنىنى ئەمدى ئوت بولۇپ يېلىنجاۋاتقان غايەت زور شارنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرى ئىگەللىدى.زېمىندىكى بارلىق مەۋجۇدات قۇياشنىڭ ئىللىق مۇھەببىتىدىن ھوزۇرلىنىپ ئۈلگۈرگەندەك قىلاتتى.ئەمما،بەزى ئىنسانلارنىڭ تېنىدىكى بىر گۆش -ئەقىلنى ،زېھىننى باشقۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم بىر پارچە -بۇنىڭدىن خەۋەرسىزدەك ئۇخلاپ ياتاتتى...ئۇ تىرىكچىلىك غېمىدە ئۇيقۇ ھالىتىدە ئۆزىنى ئۇنۇتقان  تۇرۇپمۇ دۇنيا  غېمىنى ئۇنۇتمىغان ئىدى، قۇياشنىڭ ئىللىق مېھرىدىن ھېچ نېسىۋىگە ئېرىشەلمىگەندەك خۇرسىنىپ ئېغىر -ئېغىر نەپەس ئالاتتى.ئۇ قۇياشنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇنىڭ ئېسىدە بارى پەقەت كۈن ۋە كۈندۈزلا خالاس. يېڭى بىر كۈن باشلانسا، كۈندۈز بولسا ،ئۇ تىنماي ئىشلىسە،چارچىسا،كەچ بولغاندا بولسا ئۆزىنى قويۇپ بېرىپ ئارام ئالسىلا بولاتتى . ئۇ قۇياشنى راستىنلا  ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. پەقەت قاياقتىندۇر بىر ئەينەك قۇياشنىڭ نۇرىنى قايتۇرۇپ ئۇنىڭ كۆزىنى چاقناتقاندىلا ئۇ قۇياشنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئەسكە ئالاتتى.پەقەتلا ئېسىگە ئالاتتىكى،ئەمما يەنىلا قۇياشتىن كېلىۋاتقان ئىلتىپات ۋە مېھىرنى ھېس قىلالمايتى... زېمىندىكى مىليونلىغان ئىنسانلار ئۈچۈن ئوخشاشلا تاڭ ئاتتى ، قۇياش كۆتۈرۈلدى،يەر جاھان ئىللىدى. ئەمما شۇ مىليونلىغان ئىنساننىڭ نەچچىسىنىڭ قەلبى يورىدى؟ قەلبلەر قاراڭغۇ-زېمىن يورىغان بولسىمۇ،كۆزلەر كور -ھەتتاكى كۆرىۋاتقان بولسىمۇ؟!!!
ئۇلار قۇياشتىن كېلىۋاتقان مېھىرنى ، ھەقسىز ئېنىرگىيەنى ئۇنتۇپ كېتىشكەن ئىدى.
ئىنساننىڭ مەمنۇنلۇق ھېس قىلىشى بەختنىڭ ئاچقۇچى بولغان روھىي خاتىرجەملىكنىڭ تۇنجى ئامىلى ھېسابلىناتتى. ئەمما مەمنۇنلۇق نۇرغۇنلىغان قەلبلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئاغرىنىش ۋە تويماس نەپسى يوپيۇرۇق كۈندۈزنى قاراڭغۇ زۇلمەتتىن بەتەر قىلىپ ئوچۇق كۆزلەرنى كور قىلىۋاتاتتى. مەنپەئەت ئالدىدا ئايرىلىدىغانلار كۆپەيدى. ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇپ باشقىلارنى مەسخىرە قىلىشلار ئاينىدى.
شۈكۈر-قانائەت مەمنۇنلۇق ئۇنتۇلغان ھەربىر قەلب قۇياش نۇرچېچىۋاتقان ئەمما قاراڭغۇ كۈندۈزدە ياشىماقتا!
بىزنىڭ كۈندۈزىمىز يورۇقمۇ؟  بىز كۈنلىرىمىزنى يورۇق قىلىدىغان نۇرلۇق قەلبكە ئىگىمۇ ياكى يورۇق كۈنلىرىمىزنى زۇلمەتكە ئايلاندۇرىدىغان مىننەتدارلىق ۋە مەمنۇنلۇقتىن خالىي ھالدىكى ھارغىن يۈرەككىمۇ؟

...........
-مەرۋايىت.
     





73 قېتىم كۆرۈلدى marwayit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-16 3:07:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ