يىگانە ياپراق

         
يىگانە ياپراق 

ئانارگۈل 


غىرىپ يامانغا قۇل قىلىنغاندا،
تەنھا روھىڭ جانسىز قالغاندا.
تىرىك جىسمىڭ زىمىنغا يۈكتەك،
ئايان بولۇرسەن كۈيسىز قالغاندا.

ئۆچكەن پەزىلەت ئۈنسىز يانغاندا،
توزىغان ياپراق كۆككە ئۇچقاندا.
چىشلەم نانغا زار يىتىمغا ئوخشاش،
تىلسىز قالۇرسەن غەمگە پاتقاندا.

ياۋا ئىستەكلەر سۆيۈپ ئۆتكەندە،
شادىمان كۈلكەڭ تىزلا ئۆچكەندە.
ئەمەستۇر كۆز ياش ئاقىلغا جاۋاپ ،
قەلىب دەرۋىشىڭ سۈكۈتكە چۆمگەندە.

دەرتكە جۆر بولۇپ قەدەھ تۇتقاندا،
چىقىلغان شىشە نەغمە چالغاندا.
ئاڭلايسەن ئاڭا پەرىلەر ئۈنى،
زىمىنغا يانداش تويۇڭ بولغاندا.

      تەھرىرلىگۇچى: ئابلىمىتجان ۋاھاپ 

ئۇندىدار:qq1165181317

مۇھەررىر :ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

ئۇندىدار:2041420589





13 قېتىم كۆرۈلدى ئانارگۈل ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-2 20:43:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ