سەھرا قىزى
ئابلىتىپ توختاسىن
قولى ئىشچان ئىشقا پىشقان سەھرا قىزى ،
تاجۇ تەختى كەشمىر ياغلىق تەقۋا قىزى.
ئۇلار لەيلى مەنكى مەجنۇن قېينالغىنىم،
مىنى مەپتۇن قىلدى ۋەيران شەھلا كۆزى.
مىنى مەپتۇن قىلدى ۋەيران كۆزى شەھلا،
ئاينى قويغان ھەۋەسلەرگە گۈلدۇر ئۇلا .
بولسىمۇ گەر بۇجاھاندا گۈللەر تولا،
شۇ گۈللەرنىڭ رەيھانىدۇر سەھرا قىزى .
كۆلگە چۈشكەن چاشنى تاراپ پەرىزات ئۇ ،
شېئىرلاردا تىپىك مىسرا غەزەليات ئۇ .
ھايالىققا ئىشىك ئاچقان تەرەقىيات ئۇ،
شەرمى -ھايا سۇلتانىدۇر سەھرا قىزى .
قىزغا ئىپپەت رومالنى ياپتى جاھان،
ھاياسىزنى نۇمۇس دارى ئاستى ھەريان.
ئەمدى كۆكلەر ۋىجدانىمىز سۈرۈپ دەۋران،
نۇزۇگۇمنىڭ سىماسىدۇر سەھراقىزى.
قارا قاشى ئوقيا ئۇنىڭ كىرپىكلەرى ،
كىلۇر ئۇنىڭ ئەتلىسىدىن باغنىڭ ھىدى .
ئاينى بىزگە تۇغۇپ بەرگەن كىملەر ئىدى،
گۈزەللىكنىڭ بەرناسىدۇر سەھرا قىزى.
ئاينىمەن ئاسماندىكەن دەپتىكەنمەن ،
ئايدىگەن سەھرادىكەن بىلمەپتىمەن.
2016-3-23
399 قېتىم كۆرۈلدى | taranqi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-4-8 16:35:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-4-13 3:19:22 | نەفىسە |
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ھەمىڭلانىڭ قۇلىغا دەت كەلمىسۇن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|