ئەخلاق دىگەن بىزگە زىننەتتۇر (شېئىر) - ھەسەنجان ئۇچقۇن

 ئەخلاق دىگەن بىزگە زىننەتتۇر

 ھەسەنجان ئۇچقۇن


.............1..............
ئېغىزى سەت ئادەم ئەمەستۇر،
يىگەن نېنى ھالال ئەمەستۇر.
ئۈنچە كەبى بولسۇن سۆزلىرىڭ،
ئەخلاق دىگەن بىزگە زىننەتتۇر.
.............2.............
ياخشى سۆزلەر خۇددى شەربەتتۇر،
تاشقا پۈتەر ئۆچمەس ھىكمەتتۇر.
ياخشى سۆزلە ئەۋلاد يادلىسۇن،
ئەخلاق دىگەن بىزگە زىننەتتۇر .
...............3..............
بىئەدەپلەر ھايۋان دېمەكتۇر،
گەپ ئاڭلماس خۇددى ئىشەكتۇر.
ئېغىزىڭدىن خۇشپۇراق چاچقىن،
ئەخلاق دىگەن بىزگە زىننەتتۇر.
...............4.............
ئۇغۇل دىگەن ئەردىن دىرەكتۇر،
بىزگە ئىسىل ئەركەك كىرەكتۇر.
ئەل غېمىدە ئىشلەتكىن ئەقىل،
ئەخلاق دىگەن بىزگە زىننەتتۇر.
...............5.............
قىز كەلگۈسى ئايال دىمەكتۇر،
بىزگە پاكدىل ئانا كىرەكتۇر.
بارچە قىزغا ئۈلگە بول قىزىم،
ئەخلاق دىگەن بىزگە زىننەتتۇر.
................6............
ئۇيغۇر دىگەن ئىسىل مىللەتتۇر،
ئەدەپسېزلىك ئېغىر ئىللەتتۇر.
ئەدەپلىك بول ياشايلى ئىسىل،
ئەخلاق دىگەن بىزگە زىننەتتۇر.
...............7.............
ئاپتۇرى: ھەسەنجان ئۇچقۇن
  كوت كوت ھەم ئۈندىدار: 731725280
2016 - يىلى12 - ئاينىڭ 25-كۈنى   گۇۋاڭجۇ
  





79 قېتىم كۆرۈلدى hasanjanuqk ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-26 3:29:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ