سېغىنىش - تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)

 سېغىنىش
تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)

www.yazghuqilar.com


سېغىنىشىم،سېغىندۇرۇشۇڭ،  
مىنى تاشلار ھىجران پىراققا.
ئەلەم بىلەن ھەسرەتنى قويۇپ،
جانان كەتتىڭ زادى قاياققا.

قاچانغىچە ئۆتەر بۇ يۈرەك،
مەجنۇنلارچە سىنى سېغىنىپ،
كۆنەلمىدىم سەنسىز ياشاشقا،
باغرى تاشلىق قىلدىڭ سەن كىتىپ،

كۆرۈنمەكتە سىمايىڭ خىرە،
ماڭغان يولۇڭ ھەتتا ئىزىڭدىن،
ئاڭلىناتتى نەپەسلىرىڭمۇ،
چۈنكى سىنى سۆيگەچ يۈرەكتىن،
       
تەلمۈرىدۇ بىلگىن بۇ يۈرەك،
گۈل چىھرىڭدىن ئىزدەپ كۈلكىلەر.
سېغىنىشىم سەۋدالىقىمنى،
چۈشەنمەيدۇ سەندىن ئۆزگىلەر.

نە سەۋەپ بار بىلەلمىدىم ھېچ،
بۇرۇنقىدەك كۈلۈشلىرىڭ يوق.
ھېجرانىڭدا قىينالدى بۇ جان،
تاماق يىمەي قورساقلىرىم توق.

ساڭا ئاتاپ يازاتتىم بىيىت،
ئايدىڭدىكى تىمتاس كىچىدە.
چۈشەنمىدىڭ غېرىپ كۆڭلۈمنى،
قالدىم قارا ئۆڭكۈر ئىچىدە.

كۈندىن كۈنگە ئاشار تىپىرلاپ،
ساڭا بولغان سۆيگۈمنىڭ ئوتى.
ئىزدەپ قويغىن سۆيەلمىسەڭمۇ،
سەن ئىدىڭغۇكۆڭلۈمنىڭ خوشى.

بىرەلمىدىم باشقىغا كۆڭۈل،
سەن بولغاچقا مىسكىن يۈرەكتە.
مىنى بۇنچە كۆيدۈرمە جانان،
قويدۇڭ مىنى تۈگمەس ئەلەمدە.
 
سۆيۈملۈكۈم ئاشىقىم ئىدىڭ،
سىنى سۆيۈپ ئەسلا ھارمايتىم،
قۇچاقلاشقاندا مىھىرلەر بىلەن،
قويۇپ بىرىشكە  ئەسلا قىيمايتىم،

ساڭا شۇنچە كۆيىدۇ يۈرەك،
پەرۋا قىلماي يۈرىسەن ئۆزۈڭ،
ئۇچراشقاندا تىكىلگىن ماڭا،
شۇ چاغلاردا ئىسپاتلار كۆزۈڭ،

باشلاپ كەلگىن ئۆزۈڭ بىلەن تەڭ،
خۇشاللىق ھەم مىھرى ۋاپانى،
بىلسەڭ سەندىن رەنجىدى يۈرەك،
سېلىپ قويدۇڭ تاغدەك جاپانى،

بۇرۇن شۇنداق سۆيەتتىڭ مىنى،
يۈرەكلەرگە ئوتلار ياققانتىڭ،
ئەمدىلىكتە  ئايرىلىپ مەندىن،
جۈپ كۆزۈڭدە كىملەرگە باقتىڭ،

سىنى مەندەك سۆيەلمەس بىرى،
ئۇنتالمايمەن مەڭگۈگە سىنى،
كۈندە كۆرۈپ تۇرسامكەن دەيمەن،
نەدىدۇر دەپ ئىزدەپ ئىزىڭنى،

زىرىكتىڭمۇ بىلمىدىم مەندىن،
بۇنداق قىلما ئۆتۈنەي سەندىن،
تاشلاپ كەتسەڭ مىنى ئەگەردە،
ۋاز كىچەرمەن بۇنداق يۈرەكتىن.

           -تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
     





66 قېتىم كۆرۈلدى تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-29 19:59:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ