ھايات سەپىرىم

         ھايات سەپىرىم

ئابدۇسالام مۇسا سەردارى




بىرى  ئېيتتى  كەلسە كەلسۇن قاتمايمىز
بىرى  ئېيتتى  يالۋۇرساڭمۇ كەتمەيمىز
ئۆتكەن كۈنۈم   ئۆتتى شۇنداق ئازاپتا
كىچىكتىڭ بەك ئەمدى بىللە ئۆتمەيمىز



ھايات تۇرۇپ، ئۆلگەندىنمۇ بىچارە
دادام كەتتى، قۇيۇپ مىنى يىگانە
ئايالىممۇ ،تاشلاپ كەتتى، ئارقىدىن
چەكمەي قانداق، تۇرالايمەن پىغانە



ئاغرىتقانتىم ،دىلدارىمنىڭ كۆڭلىنى  
ئەزىز بىلدىم ،لىكىن ئۇنىڭ قەلبىنى
لىكىن يەنە، تىزلا يامان بۇپقالدىم
رازى قىلماي، ئۇنىڭ بەزى تەلىپىنى



ئەگەر رىسىق بولسا بىرگە ئۈتەرمىز
ئۆتكەن كۈنلەر ئۆتتى ئەمدى ئۇنتارمىز
ئۇنتالمىساق بىز ئەگەردە ئۆتمۈشنى
يىڭى تۇرمۇش يىڭى كۈننى كۈتەرمىز



ھايات شۇنداق ،ئەگرى تۇقاي ئىگىز پەس
توغىرا ياشاش ئىز قالدۇرۇش بەكمۇ تەس
كاپالىتى يوقتۇر ھېچبىر       ئىنساننىڭ
قەدەمدە بىر ئۇچىرايدۇ       يامان قەس



2017-6-26           روزا ھېيت

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

ئۈندىدار  : 2042420589

 

ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!


     





56 قېتىم كۆرۈلدى SARDAR38 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-7-2 13:24:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ