كۈز
ئېلشاتچان ئېزىز يىگچى
سالقىن كۈز شامالىرنىڭ غۇرقىرشىغا ئەگشىپ، ھاياتلىقنىڭ يىلتىزى بولغان زىمىنغا ئالتۇن رەڭلىك تون ئېلىپ كەلدى، كۈز كەلدى، ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى، يازدىكى ياپيېشىل مەنزىرىلەر ئالتۇن رەڭ تۈس ئېلىپ، تەبىئەتنى تېخىمۇ رەڭدار قىلشقا باشلىدى . ئەنە قاراڭ، بۈك - باراقسان يۇپۇرماقلىرى بىلەن تولغان دەرەخلەر يېشىل توننى سېلىپ تاشلاپ، ئالتۇن رەڭ ۋە جىگەر رەڭ تونلارنى كىيىشكە باشلىدى، يەنە نەچچە كۈندىن بۇيان ئۆزلۈكسىز چىقىۋاتقان كۈز شاماللىرى دەل - دەرەخلەرگە قەھرى بىلەن ئۇرۇلۇپ ، يۇپۇرماقلارنى بىر - بىرلەپ ئۇچۇرۇپ كېتىۋاتقان ئىدى . دەل دەرەخلەرىمۇ ئاستا - ئاستا يېڭى كىيىملىرنى سېلىپ تاشلاپ ، يالىڭاچ گەۋدىسى بىلەنلا قېلشقا باشلىدى .
قاراڭ ! كۈز كېلشى بىلەن تەڭ گۈللەر غازاڭ بولۇپ ، بۇرۇنقى قەددى- قامىتنى يوقىتشقا باشلىغان بولسىمۇ ،ئەمما ئۇلار يەنىلا چوغدەك قىزىل قىياپىتى بىلەن ئوخشاشلا كۆزنى قاماشتۇراتتى . جىگەر رەڭ تونلارنى كېيشكەن ئالما يۇپۇرماقلىرى ئارىسدىن قىپقىزىل ئالمىلار غۇۋا قوياش نۇرىدا جۇلالىناتتى ، يەر يۈزدىكى ياۋا ئوت - چۆپلەر ئىلگىرىكى ھاياتىي كۈچىنى يۇقىتىپ ، بارا - بارا غازاڭ بولماقتا ، يېشللىق سارغايماقتا، ئۇلار كۈزنىڭ مەيىن شاماللىرىدا ئىغاڭلاپ نالە قىلماقتا ئىدى. زىرائەتلەر پىشىپ مول - ھۇسۇللىغا تولغان ئالتۇن كۈزدە پاختىكارلار ئالدىراشچىلىق ئىچىدە پاختا تەرمەكتە ئىدى. پۈتكۈل ئەتراپنى ئاپئاق تونلار بىلەن قاپلانغان ئېتىزلىقدا پورەكلەپ ئېچلىغان پاختىلار تەبەسسۇم ئىچىدە كۈلۈمسىرسە ، ئالتۇندەك سارغىيىپ پىشقان كۆممقۇناقلار بەللىرىنى ئىگىشىكنچە ئالتۇن چاچلىق باشلىرى بىلەن يەرگە ساڭگىلشىپ تۇراتتى، ئۇلار كۈزنىڭ مەيىن شاماللاردا ئىغاڭلىغىنچە خۇددى كىشلەرگە قاراپ باش ئىگىۋاتقاندەك كۈرۈنەتتى .
ئېھ ... خاسيەتلىك كۈز ، سەن نىمدىگەن ئۇلۇغ ھە !! سېنىڭ ئاشۇنداق ئۇلۇغلۇغىڭدىن ھەممە يەر باي - باياشاتلىققا تولدى ، سەن ئېلىپ كەلگەن مەمۇرچىلىقتىن پۈتكۈل كائىناتكى ئىنسان كۈلدى ، دۇنيا كۈلدى . مەن قاينام - تاشقىنىللىقا ، مول - ھۇسۇلىغا تولغان ئالتۇن كۈزنى ياخشى كۈرىمەن . سېنىڭ ئاشۇ ئالتۇن رەڭلىك ياپراقىچە تاشلىغان دالىلاردىكى قىياپىتىڭىنى ياخشى كۆرىمەن ، چۈنكى ئۇ پىشىپ يېتىلىش ۋە باياشاتلىقىنڭ سىمۋولى ، ئۇ خۇشاللىق ھەم بەختتىن دېرەك بىرىدۇ .
ئاھ ! كۈز مەن سېنى مەدھىيىلەيمەن ، سېنى ناخشامغا قېتىپ جاراڭلىق ئاۋازىم بىلەن كۈيلەيمەن ....
2015-يىل 5- دىكابىر ئونسۇ
212 قېتىم كۆرۈلدى | yigqi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-2 11:07:30 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|