ئالدىنىش
مىسران
لەپىلدىشىپ ئۆتۈكسىز قارلار ,
يېلىڭ-يالىڭاچ يەرگە چۈشمەكتە.
مەن ئەسلى مەن ئىدىم,
قۇياش پاتمىغان بىر كىچە-
كىم بولغىنىم ئۇنتۇلۇپ كەتتى.
مىنىڭ ئۈچۈن ماڭماي پۇتلىرىم ,
مىنىڭ ئۈچۈن تۇتماي قوللىرىم ,
مىنىڭ ئۈچۈن كۆرمەي كۆزلىرىم ,
مىنىڭ ئۈچۈن سۈرمەي خىيالىم,
ئۇنتۇلدۇردى ئۆلمىمنى
بەلكىم.
بىر تەندە قالدىم بىرى بىلەن ,
ياكى كىرۋالدى باشقا بىرى ماڭا
بىلەلمىدىم كىم بولدۇم ئاخىر؟
چۈش كۆرگىنى مەن ئەمەس خىيال ,
رىئاللىقتىن كەتتى كۆپ يىراق .
ئەۋزەيلەيدۇ چوڭقۇردا بىر(جىن) ,
يۇقاپ كەتتىم قاراڭلار شۇنداق.
باش دەپ ئاتالغان تاش، تاشقا ئايلانغان باش ,
بىلىمىز بىز،بىر كۈنى
ئىگى-چاقىسىز يۇيۇپ-تارالماي-
دەپنە قىلىنار كىپەنسىز قۇياش …
………………
| 97 قېتىم كۆرۈلدى | missran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-19 23:39:23 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|