سۆيگۈنۈم (ناخشا تېكىستى) - ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش

سۆيگۈنۈم

ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش

كەلمە دەيسەن سۆيگۈنۈم،
كەل -كەل دەيدۇ كۆزلىرىڭ.
كېچەلمەيسەن بىلەرمەن،
يالغان ئېيىتقان سۆزلىرىڭ.

ئاسان ئەمەس ۋاز كىچىش،
چىدىمايدۇ يۈرىكىڭ.
ماڭا ئايان دىلبىرىم،
مىنى دىلدىن سۆيگۈنۈڭ.

مەنمۇ ئاشىق بىلەمسەن؟
يۇلتۇز كەبى كۈزۈڭگە .
تۈن كېچىدە چاقنىغان،
تولۇنئايدەك يۈزۈڭگە.

كەل قېيدىما ئامرىقىم،
ۋىسال پەيزى سۈرەيلى.
چىن سۆيگۈنى قەدىرلەپ،
مەڭگۈ خۇشال ئۆتەيلى .

2016-يىل 26-دېكابىر
(مارالبېشى)
     





185 قېتىم كۆرۈلدى ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-26 7:11:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-11 10:10:57 nabijan
سۆيگۈنۈم دىگەن تىكىسنى بەك ياخشى يىزىپتۇ بوسا مەن بىر ئالاقىلاشسام 微信1719713470
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ