سەندەكلەرگە بىر ئىغىز
ئاپتۇرى: رەخمىدىن قاسىم
ئالمايمىز دەپسەنۇ ئۈچ شەھەرنىڭ قىزىنى،
تۆكمە ئەمدى ھەي نادان ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى،
سۆڭەك بېرىپ باققاچقا لالما ئىتنى ھويلىدا،
شىر ئاتايدۇ سېنىڭدەك بىلمىگەنلەر ئۆزىنى.
ئەۋىج ئىلىپ يۇرتۋازلىق چىشلەپ تارتىپ ھەر شەنى،
ئۇيغۇرلاردا قالمىدى ئۇيشماقنىڭ بىر تەمى.
ئالتە شەلىك دەپ ياتلاپ پاتقۇزماستىن بەزەنلە،
بۇ دۇنيا بىزلەرگە بولالامدۇ ھەم پانى.
بىر شەھەرنىڭ قىزىنى دەپ ئاتايسەن شاپاقچى،
بىر شەھەرنىڭ ئوغلىنى دەپ ئاتايسەن دۇمباقچى.
مۇشۇنداقلا سۆكۈشۈپ ئۆتۈپ كەتسەك ئالەمدىن،
سوراپ باقاي سەنلەردىن بولامدىكەن بەك ياخشى.
غۇلجىلىقڭ قانچىلىك بۆرتالالىق قانچىلىك،
قارماي چۆچەك ئۈرۈمچى،ئاقسۇلۇقىڭ قانچىلىك.
قەشقەرلىك دەيسەنۇ ئۆزۈڭ ئاتۇش خوتەندىن،
يۇرتۋازلىق كەتمەمدۇ خۇدا بەرگەن بۇ جاندىن.
سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا بىزدىكى كۆپ ئىللەتتە،
ئايرىمچىلىق ئەۋىج ئىلىپ ئۇيغۇر دىگەن مىللەتتە.
نەزەر سېلىپ قارىساڭ بىر بىرىنى قاقماستىن،
ئېجىل ئىناق ئۆتەركەن چەتئەل دىگەن دۆلەتتە.
يازسام يەنە گىپىم جىق سەندەك ناچار ئىنسانغا،
باشقا يەردىن سۆزلىسەم شەك كەتمىسۇن ئىمانغا.
پىتنە پاسات تارقاتقان بايقاپ يۈرگىن زۇۋانغا،
مۇشۇنداقلا ماڭساق بىز يول ئالىمىز زاۋالغا.
2015-10-11
420 قېتىم كۆرۈلدى | رەخمىدىن قاسىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-12 0:03:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-10-12 19:03:07 | ئايدىل |
ئەجەپ ياخشى كۆردۈم بۇ ئەسەرنى بىر بىرىمى بىلەن ئۇيۇشۇپ ئۇيغۇر دىگەن نامغا لايىق ياشىغان بولساقچۇ |
2015-10-12 9:30:21 | شەبنەم |
بىر ئادەمنىڭ ئىش ھەرگىز باشقا ئادەملەرگە ۋەكىللىك قىلماي ھەربىر ئېغىز گېپىڭىزنى ئويلىشىپ دىيىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلمەن غولجىلىق دەپ ھەممىمىز چىشلەپ تارتقۇدەك غولجىلىقلار سىزنى بىرە ئىش قىلمىغاندىن كېيىن غولجىدا ياشاۋاتقان ئالتە شەھەرلىكلەر بىر ئوبدان ياشاۋاتىدۇ بىز يۇرتۋازلىق قىلىپ ئۇلارنى غولجىدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇقمۇ يا، خەقنىڭ مەقسەتسىزلا دىگەن بىرنەچچە ئېغىز سۆزىگە بۇنداق قاينىساڭلار تازا ياراشماسمىكىن بەك ۋىجدانىڭىز قايناپ كەتكەن بولسا غولجىلىقنڭ ھەممىنى چىشلەپ تارتماي نوچىڭىز بولسا شۇ ئادەمنى تېپىپ شۇنىڭ بىلەن ئالدىرماي سۆزلىشۋىلىڭ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|