دادىسىز ياشىماق ئەجەپ تەس ئىكەن
ئەسقەر قۇربان ئىقبال
يۈرۈكۈم سىقىلدى ئەجەب مۇڭ باستى،
ئازاپتىن كۆزيېشىم سەل بولۇپ ئاقتى.
شۇئىللىق ئۆيۈمنى غېرىپلىق باستى ،
دادىسىز ياشىماق ئەجەپ تەس ئىكەن .
دادا دەپ چاقىرسام يەتمەيدۇ ئۈنۈم ،
سېغىنىش ئىچىدە ئۆتەر ھەركۈنۈم.
بەئەينى زىمىستان سېنىڭسىز ئۆيۈم ،
دادىسىز ياشىماق ئەجەپ تەس ئىكەن .
ئاھ! تەقدىر قىسمىتى ئايرىدى سەندىن ،
ھەرقاچان ئېغىر يۈك باسار يەلكەمدىن.
يۈرۈكۈم ئۆرتىنەر ئاچچىق ئەلەمدىن ،
دادىسىز ياشىماق ئەجەپ تەس ئىكەن .
بۇنداقلا كېتەر دەپ ئويلىماپتىمەن ،
بىرئۆمۈر مەن بىلەن ئۆتەر دەپتىمەن.
بارىڭدا قەدرىڭگە ھىچ يەتمەپتىمەن ،
دادىسىز ياشىماق ئەجەپ تەس ئىكەن .
2016.11.29
| 105 قېتىم كۆرۈلدى | ikbal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-19 19:03:58 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|