مېنى تاشلاپ تەنھا ئۆتەمسەن (شېئىر) - ئېلىجان ئابدۇكېرەم

 مېنى تاشلاپ تەنھا ئۆتەمسەن

ئېلىجان ئابدۇكېرەم (دىلكەش)

قاراپ قويماي ئارقاڭغا گۈلۈم،
مېنى تاشلاپ تەنھا كېتەمسەن.
سەندە قالدى پاك مۇھەببىتىم،
مېنى تاشلاپ تەنھا ئۆتەمسەن.

سۆيسەم سېنى بارىمنى بېرىپ،
يۈرەكىمنى تاشلىدىڭ تىلىپ.
ئۆتەلمىدىم ۋەسلىڭگە قېنىپ،
مېنى تاشلاپ تەنھا ئۆتەمسەن.

يوللارىڭغا قارايمەن ھەر كۈن،
تەنھالىقتا ئۆتتىغۇ ھەر تۈن.
بولسا ئېيتقىن قەلبىڭدە تۈگۈن،
مېنى تاشلاپ تەنھا ئۆتەمسەن.


تەنھالىقتا قىينىما مېنى،
سۆيدۈم تەنھا ئالەمدە سېنى.
كۆيدۈم ساڭا دېگىنىڭ قېنى،
مېنى تاشلاپ تەنھا ئۆتەمسەن.

مېنى يار دەپ يۈرمەمسەن ئەمدى،
تەنھا قويۇپ كەلمەمسەن ئەمدى.
ماڭا ھەمراھ بولمامسەن ئەمدى،
مېنى تاشلاپ تەنھا ئۆتەمسەن .

بېرىپ بولۇپ كۆڭلۈڭنى ماڭا ،
خار قىلمىغىن سۆيگۈمنى رەنا.
تاشلاپ كەتمە قالدۇرۇپ تەنھا،
مېنى تاشلاپ تەنھا ئۆتەمسەن .

بەرسەم ساڭا ئىشقى سۆيگۈمنى،
داغدا قويما مىسكىن كۆڭلۈمنى.
ئېلىپ قاچما مۇھەببىتىمنى،
مېنى تاشلاپ تەنھا ئۆتەمسەن.

بىلسەڭ جانان دىلدا بارىڭمەن،
بىر ئۆمۈرگە سۆيگەن يارىڭمەن.
مۇڭلىرىڭدا يۈرەك تارىڭمەن،
مېنى تاشلاپ تەنھا ئۆتەمسەن.

ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلشىڭ ئۈندىدار 2318334127
2016..12..21
     





47 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-22 2:46:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ