بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ئاتىلار

         بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن  ئاتىلار !!!!



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  
قەددى -قامىتى بىز ئۈچۈن  ئىگىلگەن پۈتۈن  ئۆمىرىدە  ئەركەكلىك  مىزانىغا ماس ھالدا ياشىغان پۈتۈن  ئاتىلارنىڭ ئاتىلار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن  
ئاتا -ئۇ  بېغشىلغۇچى ، ئاتا بارچە شادلىق ئامەتنى بىزگە بېغىشلاپ ،ئۈزى جاپادا قالسىمۇ قىلچە ۋايسىمايدىغان ،  قارا قىشتا بىزگە گۈلخان كەبى لاۋۇلداپ كۈيۈپ ،ئىسسىق ھارارەت  بەخش ئاتا قىلدىغان ،يازنىڭ  جېنىدىن ئۆتدىغان ئىسسىق تەپتىدە  بىزگە سايۋەن  بۇلدىغان،ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەرقاچان پەرزەنتىم دەپلا ياشايدىغان بۇ بۈيۈك  ئىنسان دەل -ئاتا .
ئۇ ھىچقاچان ھاردىم -تالدىم دىمەيدۇ ،ھەم ھىچقاچان ئاغرىنىپ باقمايدۇ ،ھىچقاچان ھەشەمەت تەلەپ قىلمايدۇ ئاددىيلا ياشاشنى ئۈزنىڭ مىزانى قىلىپ ياشايدۇ .ئېرىقلاردىكى لاي سۇلارنى ئۇچۇملاپ ئىچسىمۇ  چەكسىز شۈكرى ئېيتىدۇ .قۇللىرى چاك چاك يېرىلغان .سېنىڭ زەررىچە خۇشال بولغىنىڭنى كۆرسە ئالەمچە شادلىققا چۆمىدۇ .
بۇ پەيتىلەردە  ھەربىر ئاتىلارغا چەكسىز سالام يوللماقتىمەن  .
 رىئاللىقتا بەزلەرنىڭ يۆلەنچىكى (ئاتىسى)  بۇ دۇنيادىن  ۋاقتسىز كىتىپ قالغان ،يەنە بەزلىرىنىڭ كۆرۈشۈش نىسىپ بولماي يىراقلاردا بۇلۇپ قالغان  ،
بىز دىللاردا ئەسلەيلى  ،ئۇ ماڭغان يوللاردا ماڭايلى ئىز سالايلى ،ئۇلارنىڭ گۈلدەك رۇھى سۇلمىسۇن ،قورۇنمىسۇن .
يېنمىزدا بار بولسا قەدىرلەيلى ،ھۆرمەت قىلايلى ،ئۇلارنىڭ قۇلدىكى ئىشلارنى بىز ئالايلى .ئاتىلار چارچىدى ئارام ئالسۇن .

ئۇلاردىن نۇمۇس قىلۋاتقان ھەربىر پەرزەنت ئاڭلاڭ ،ئۇ ئاتىنىڭ سىزگە شۇ ئاتا قىلشىلىرى ،بېغىشلاشلىرى بولمىسا سىز نەدە ئىدىڭىز ؟نەدە يۈرەر بولغىيتىڭىز ؟ئۇلاردىن نۇمۇس قىلشقا ھىچبىر ھەقلىق ئەمەسسىز ،ھەققىڭىز يوق .ئۇلاردىن پەخرلىنىڭ .
ئۇلارنىڭ چىرايىغا چۈشكەن قورۇق ،يىللارنىڭ سېخيلارچە ئۇنىڭغا قىلغان سوۋغىسى ،تارتقان ھەربىر كۈنلىرى ،جاپا-مۇشەققەت ،كۈلپەتلىرىنىڭ يىغىندىسى ،جەۋھىرى .

ئاتا قەدىرىنى بىلمىگەن ئىنسان ھەريەردە خار .

ھەربىر ئاتىنىڭ چىرايدىن كۈلكە كەتمىسۇن ،ئۇلار ئۈچۈن ھەركۈنى بايراملار بولسۇن !!!



قەلەمدە :ئامانگۈل ھەسەن ۋىسال !

2017-6-18

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589


     





85 قېتىم كۆرۈلدى ئامانگۈل ھەسەن ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-18 12:04:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ