ساقچىلار (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

ساقچىلار (شېئىر)

 مەمەتجان سەمەت

         
يۈتۈپ كەتسە نەرسىمىز ئىزدەپ ماڭغان ساقچىلار،
تېپىلغىچە توختىماي داۋان ئاشقان ساقچىلار،
ئايىماستىن جېنىنى يەپ كىشىنىڭ غېمىنى.
بوشاشماستىن پەقەتلا ئالغا باسقان ساقچىلار،

تۇتۇپ كېلىپ ئوغرىنى مەھكەم باغلاپ قولىنى،
قانۇن سوتى ئالدىدا دارغا ئاسقان ساقچىلار،
قوغداپ بىزنى ھەردائىم قارا نىيەن كىشىدىن.
ئەل ئاۋامنىڭ كۆڭلىگە بەكلا ياققان ساقچىلار،

مۇھتاج بولساق ياردەمگە دەرمان بولۇپ دەرىتكە،
ياردەپ بىرىپ ھەممىگە قۇچاق ئاچقان ساقچىلار.
بىر . بىرىدىن بەك ئېسىل قىلىپ ياخشى ئىشلارنى،
ئېلىپ تالاي شان شەرەپ مىدال ئاسقان ساقچىلار.

تومۇزلاردا ئىسسىقتا ياكى سوغۇق جۇدۇندا،
قالسىمۇ گەر ۋايسىماي جاپا تارتقان ساقچىلار.
ھاردىم تالدىم دېمەستىن ئىش ئورنىدا چىڭتۇرۇپ،
ئەل ۋەتەنگە ھەسسىلەپ تۆھپە قاتقان ساقچىلار.

سىلەر بولغاچ خاتىرجەم  ئۆتەر بىزنىڭ كۈنىمىز،
ھېچ نەرسىدىن قورىقماي باتۇر خاقان ساقچىلار.
مەن سىلەردىن سۆيۈنۈپ يازدىم ئاددى بىر شېئىر،
قەلىبلەرنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ساقچىلار.

ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : چ چ . 308381500
خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلۋاتقان ساقچىلارغا بېغىشلايمەن
     





663 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-4 20:19:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-27 22:55:03 سدق
بەك ياخشى ئكەن
2017-1-7 0:17:28 ساۋۇت سەدەن
بەلەن يېزىپسىز🌹🌹🌹
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ