ئازات سۇلتان


ئازات سۇلتان، 1950-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى نەنكەي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تىل _ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتۈرگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجىربە ئوتتۇرا مەكتەپ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئەدەبىيات پاكۇلتىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئوقۇتقۇچى، پاكۇلتىت مۇدىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلغان. ھازىر شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مۇدىرى، پىرافىسسورى. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتى 7- نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

ئازات سۇلتان 1975-يىلى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. 1999-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.

ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە»، «بۈگۈنكى دەۋىر جۇڭگو ئەدەبىياتى»، «ئەدەبىيات نەزىرىيەسى» (باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان)، تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن: «چىرايلىق دوست» قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ «ئەدەبىي زوق ۋە ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پەلسەپە ـ ئىجدىمائىي پەن تۈرىدىكى ئەسەرلەرنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «ئۇيغۇر پىروزا ئىجادىيىتىدىكى تىراگىدىيەلىك ئاڭ» ناملىق ماقالىسى ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 2-نۆۋەتلىك پەلسەپە ـ ئىجدىمائىي پەن تۈرىدىكى ئەسەرلەرنى باھالاشتا 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ پىروزا ئىجادىيىتى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسى بۈگۈنكى دەۋىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمىئىيىتى ۋە بۈگۈنكى دەۋىر جۇڭگو ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمىئىيىتى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە» ناملىق كىتابى مۇنەۋۋەر ئەسەر نەتىنجە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.





1205 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-19 2:35:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ