كۆرەلمەسلەر
ئاپتۇرى : مىنەۋەر ئوبۇل ئاتۇش
بىر بىرىنى قوللىماسكەن كۆرەلمەسلەر,
بىر بىرىنى كوچىلاركەن كۆرەلمەسلەر.
ئاقنى قارىلاپ كۆرسىتەركەن كۆرەلمەسلەر,
كىر ئىزدەشكە مارىلاركەن كۆرەلمەسلەر.
بىر نان تاپسا داپ چالاركەن كۆرەلمەسلەر,
ئامال قىلىپ قۇسۇر ئىزدەر كۆرەلمەسلەر.
بىر گەپ تاپسا يەتتە ئىقلىم ئايلىنىپ ئۇ,
ئۆيىگىمۇ كىرمەس ئكەن كۆرەلمەسلەر.
ناھەق كۆرۈپ ھەقنى كۆرمەس ئۇلار كۆزى,
گەپلەر سېتىپ شال چاچرىتىپ كۆرەلمەسلەر.
ھەممە جايدا شاپاشلاپلا يۈرۈيدۇ ئۇ,
قۇسۇر چىقسا شاتلىناركەن كۆرەلمەسلەر.
نە پايدا بار ئۇنداقلارغا قىينالغۇدەك,
قېرىپ كىتەر ۋاقىتسىزلا كۆرەلمەسلەر.
ئىنسان بولغىن پەزىلەتلىك دىيانەتلىك,
ئەخلاقتۇر زىننىتىڭ ئەسلى كۆرەلمەسلەر.
ئادەم بولغىن، تۈزەتكىن سەن ئىللەتنى,
زاۋاللىققا يۈزلەندۈرۈپ خاراپ قىلما مىللەتنى.
گەر كۆپ بولسا كۆرەلمەسلەر خار بولۇر ئاۋام,
ئىلىم ئىرپان يولىدا ئۇچقىن سەن داۋام.
2016-يىلى 2-ئاي
105 قېتىم كۆرۈلدى | مىنەۋەر ئوبۇل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-11 23:33:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|