ئامال يوق
مەردان شاھ ......... خۇشخۇي
ياخشىلارغا دوس بۇلۇپ، يۈرەلمىدىم ئامال يوق،
يامانلارغا تىغ بۇلۇپ ، سانجالمىدىم ئامال يوق.
خۇشاللىققا جۆر بۇلۇپ ، كۈلەلمىدىم ئامال يوق ،
ئازاپلارغا دال بۇلۇپ ، تۇسالمىدىم ئامال يوق .
كۆزۈڭلارغا ياش تولۇپ ، دەرت-ھال ئېيتىپ كەلسەڭلا،
مېھرىم بىلەن كۆز ياشنى سۈرتەلمىدىم ئامال يوق،
يىقىن سىرداش دەپ بىلىپ ، سىرىڭلارنى بەرسەڭلا،
دائىم بىللە مۇڭدىشىپ ، تۇرالمىدىم ئامال يوق.
ئاجىز ئىنسان بولغاچقا ، يۈكۈڭلارنى تەڭ يۈدۈپ،
سەپەردە ھەمدەم بۇلۇپ ، ماڭالمىدىم ئامال يوق،
تەڭشەلمىگەن جاھاندا ، ياردەم قىلماي تۈگۈلۈپ،
ھالىڭلارغا دوس تۇرۇپ ، قاراپ قالدىم ئامال يوق.
| 45 قېتىم كۆرۈلدى | huxhuy | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-1 0:18:39 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|