تۇغۇلغان كۈنۈڭ (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

تۇغۇلغان كۈنىڭ
مەمەتجان سەمەت

بوپتۇ  بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈڭ ،
نىسىپ بولسۇن توغراقنىڭ يېشى.
كۆز تەگمىسۇن ئالتۇن بويۇڭغا،
كۆككە  يەتتى ئاناڭنىڭ  بېشى.

سەن تۇغۇلغان شۇ قۇتلۇق كۈندە،
ئاتا - ئاناڭ بەك خۇشال بولۇپ.
كۈتكەن سەندىن تالاي ئۈمۈدنى،
بارچە  قايغۇ ئەلەمنى  ئۇنتۇپ.

ئۈمۈدىنى  يەردە  قويمايسەن،
باققىنىنى  ھەسسىلەپ  قايتۇر.
تەبرىكلەشكە ھەممىدىن لايىق،
سېنى  تۇققان  ئەزىز ناناڭدۇر.

كەلگەن چاغدا تۇغۇلغان كۈنىڭ،
ئـۇنۇتمىغىن   خاندەك   ئاناڭنى.
ئىززەت ئېكرام بىلەن  ھەم يەنە،
قەدىرلىگىن   جاندەك   داداڭنى.

بالام  دەپلا  ئۆتكەچكە  دائىم،
كۈمۈش  كەبى  ئاقاردى چېچى.
غەم قايغۇدا قالدۇرما ھەركىز،
كۆزلەرىدىن  ئاقمىسۇن  يېشى.

ئاپامنىڭ  مېنى  تۇققان  كۈنىگە ۋە
ئۆزۈمنىڭ تۈغۈلغان كۈنىگە مۇبارەك
ئاپتورنىڭ ئۈندىدار : 308381500
ئاپتورنىڭ   ئىسمى   بىلەن  تارقىتىڭ
2017 : يېلى : 4 : ئاينىڭ : 4 : كۈنى
     





146 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-7 5:19:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ