قالمىسۇن كۆڭۈللەرھىيت كۈنى غېرىپ
ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا
قالمىسۇن كۆڭۈللەرھىيت كۈنى غېرىپ,
قۇت تىلەپ ئۆيلەرگە ھىيتلايلى بېرىپ,
قۇياشنىڭ تەپتىدەك تارقالسا مېھر,
مۇزلىغان يۈرەكلەركەتمەمدۇ ئېرىپ,
ھىيت كەلسە بەركەتمۇ باشقىچە كېلەر,
شادلىقتا بالىلارئەڭ ئاۋال كۈلەر,
يېپيىڭى كەيپىيات يېپيىڭى چېھر,
ئىشكى مېھمانغا ئېچىلغان ئۆيلەر,
سەھنىلەرنەغمىدە قىلار تەنتەنە,
ھيىت ئايەم ئەجدادتىن بىزگە ئەنئەنە,
ئۆچۈرلۈپ ئۆچمەنلىك يالقۇنى كۈل-كۈل,
دىل ئارا ئارازلار يۇيىلار يەنە,
بۇ شۇنداق ھاياتتا خاسيەتلىك كۈن,
يوقسۇلىنىڭ نېنىمۇ بولىدۇ پۈتۈن,
قاينايدۇ قازاندا قۇربانلىق قويى,
مورىدىن مەردانە چىقىدۇ تۈتۈن,
موبارەك تۇغقانلارئايەم موبارەك,
موبارەك دوستلۇرۇم ھىيتلارموبارەك,
ھىتلىغىم سوۋغۇتۇم بولسۇن سىلەرگە,
قەلبىمنىڭ قېتىدىن گۈزەل بىرتىلەك
……2016/9/10
203 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-10 18:34:00 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-9-10 20:50:20 | مېھىرنىسا قۇربان |
قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|